كۆز قاراش:خىتاينى چۈشەندۈرۈش

شۆھرەت ھوشۇر

خىتاينى چۈشىنىش تەس ئەمەس، ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاپ باققانلار ئۈچۈن، ئەمما چشەندۈرۈش قېيىن دەردىنى تارتىپ باقمىغانلارغا.

يېقىندا تۈركىيەدىكى سەپدىشىمىز دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بىر تېلىۋىزىيە سۆھبىتىدە خىتاينى ناھايىتى ئوبرازلىق قىلىپ مۇنداق تەسۋىرلىدى: » شۇنداق، مەيلى ئۆتمۈش مەيلى بۈگۈن بولسۇن، دۇنيادىكى بارلىق مۇستەملىكىچىلەرنىڭ شۇئارى ۋە تەبىئىتى ئوخشاش، ›سېنى بېقىۋاتىمەن‹ دەپ جار سالىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە شورپىنى ساڭا سالغۇزۇپ، گۆشىنى ئۆزى يەيدۇ، سۆڭىكىنى ساڭا تاشلاپ بېرىدۇ، خالاس ؛ ئەمما خىتاي مۇستەملىكىچىكىنىڭ پەرقلىق بىر يېرى بار؛ ئۇ شورپىنى ساڭا سالغۇزۇپ گۆشىنىمۇ ئۆزى يەيدۇ، سۆڭەكنىمۇ ئۆزى غاجىلايدۇ، شورپىسىنىمۇ ئۆزى ئىچىدۇ؛ ئارقىدىن شورپىنى سالغان ئاشپەزنى -سېنى يالماپ يۇتۇش ئۈچۈن ئېغىزىنى ئېچىپ ساڭا ئېتىلىدۇ.»

شەرقى تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن يەتكىچە پايدىلىنىپ دۇنيادا ئىككىنجى ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلانغان خىتاينىڭ ئەمدىلىكتە 3مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگىرغا سولىۋېلىشىنى يۇقارقى ئوشىتىشتىلا دەل ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بۇ جايىدا ئوخشۇتۇشنىڭ ئىلھامى بىلەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى تەسىرلىك ئوخشۇتۇشلىرىدىن بىرقانچىنى ئەسلەپ قالدىم:

خىتاي مۇستەملىكىچىكىنىڭ بۇ تەبىئىتىنى بۇنىڭدىن 80 يىل بۇرۇن تونۇپ يەتكەن ئۇلۇغ شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر » ئۇيغۇرۇم، ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر!» دەپ خىتاپ قىلغان، ئەمما خەتەرنى ئىپادىلەيدىغان نەق كەلىمىنى تاپالمىغان.

ئاچ ۋە كۆپ نوپۇسلۇق، شۇنداقلا دۆلەت مەدەنيىتى پەسكەش بىر مىللەتنىڭ ئاستىدا ياشاشنىڭ خەتىرىنى دۆلەت رەھبىرى ئەخمەت ئەپەندى 70 يىل بۇرۇن تولۇق ھېس قىلغان ، شۇڭا «ئەپسۇس، بىز قۇلنىڭ قۇلى بولۇپ قالدۇق » دەپ لېۋىنى چىشلىگەن.ئەمما قۇلنى قۇلدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھەمكارلىرىمىز روسلارغا بەلكىم چۈشەندۈرەلمىگەن .

ئوت يۈرەك مىللەتچى، دۆلەت ئەربابى ئابدۇرېھىم ئەيسانى » خىتاينىڭ پۇقراسى بولغاندىن ئەنگىلىيەنىڭ ئىتى بولغان ياخشىراق» دېگۈزىۋەتكەن ئەنگىليەگە چوقۇنۇش ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ تەبىئىتىنى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئۇنىڭدىن سەسكىنىشتۇر.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ھېرا مەكتىۋى 2023-يىللىق خىزمەتلىرىدىن قسقىچە دوكلات بەردى

پە يانۋار 4 , 2024
تۈركىيە ئ‍ستانبۇلغا جايلاشقان ھېرا ئۇيغۇر مەكتىۋى 4-يانۋار كۈنى خىزمەتلىرىدىن قسقىچە دوكلات بىرىپ، ئاممىغا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش روھىنى نامايان قىلغان. تۆۋەندىكىلەر مەزكۇر قسقىچە دوكلات يازمىسنىڭ ئەينەن نۇسخسى: ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ 2023-يىلى قىلغان خىزمەتلىرى مەكتىپىمىز 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، بىر يىل جەريانىدا جەمئى 203 قىتىم ئەمەلى خىزمەت تۈرى تەرتىپلىگەن. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: يىڭى […]
ھېرا مەكتىۋى

You May Like