كۆيدۈرۈۋېتىلگەن مائارىپچى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى

كۆيدۈرۈۋېتىلگەن مائارىپچى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى

 كۆيدۈرۈۋېتىلگەن مائارىپچى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

بۈگۈن 2022يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئوت يۈرەك،ۋەتەنپەرۋەر شائىر،كومپوزىتور،مائارىپچى ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپىنىڭ بايراقدارى مەمتېلى تەۋپىق ئەپەندى كۆيدۈرۋېتىلگەنلىكگە 85 يىل بولغان كۈن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇمنى چوڭقۇر سېغىنىش ۋە قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە ئەسلەيمەن.

مەمتىلى ئەپەندى 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە توختاجى ئىسىملىك داڭلىق تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز زامانىسىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر كىشىلىرىدىن بولۇپ، ئائىلىسى مەرىپەتنى، ئېلىم پەننى ھىمايە قىلغۇچى ئائىلە ئىدى. مەمتىلى ئەپەندى دۇنياغا كۆز ئاچقان يىللار شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەممە يەرنى مىلىتارىست شىڭ شىسەيىنىڭ زۇلۇمى  قاپلىغان، زورلۇق-زومىگەرلىك چېكىگە يەتكەن،خەلق نادانلىق ۋە قالاقلىق قوينىدا ئېغىر ھالسىراۋاتقان قاراڭغۇ دەۋر ئىدى. توختاجى تېۋىپ ئوغلىنىڭ نادان، قالاق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن ئوغلى مەمتىلىنى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. يېڭىچە پەننىي مەكتەپ ۋە ئۇستازلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەربىيىسى ئۇنىڭ يۇمران قەلبىدە ئىلغار دۇنيا قاراشنىڭ شەكىللىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. مەمتىلى ئەپەندى مەكتىپىدىكى ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن 1920-1921- يىللىرى دادىسى توختاجى بىلەن بىرگە ئىلى، بورتالا، چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ.ئۇ يەرلەردە تېخىمۇ كۆزى ئېچىلىپ، جاھالەت ۋە نادانلىق ئىسكەنجىسىدىكى خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن كەڭ تونۇشىدۇ؛ تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ،كەڭ دائىرىلىك ئىلىم تەھسىل قىلىپ، خەلقنى بىلىم بىلەن ئويغىتىش ئىرادىسىنى تىكلەيدۇ. نۇرغۇن جەڭگىۋار شېئىرلارنى يېزىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ياۋۇزلۇقىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق خەلقنى جەڭگىۋار روھقا يېتەكلەيدۇ. مەمتىلى ئەپەندىمنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ خەلق ئارىسىدىكى نوپۇزىمۇ ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن ئەنسىرىگەن شېڭ شىسەي ئۇنى باشقا مەشھۇر كىشىلەرگە ئوخشاش تەقىب ئاستىغا ئالماقچى بولىدۇ. مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ئۇستازى مۇرات ئەپەندى ئۇنىڭ قابىلىيىتىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۇنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ. مەمتېلى ئەپەندى 1926- يىلى بىر كېچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ياردىمىدە قىرىم ئارقىلىق 1928-يىلى ئىستانبۇلغا بارىدۇ. ئىستانبۇلدا ياشاش، ئوقۇش جەريانىدا ئەتراپلىق ئىلىم تەھسىل قىلىپ، كۆپلىگەن ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىلىم ۋە پىكىردە يېتىلگەن بىر زىيالىغا ئايلىنىدۇ.

ئۆز خەلقىنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەمتىلى ئەپەندى 1931-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىغا قارشى قوزغالغان قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قوشۇنىنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيگەنلىكىنى ئاڭلاپ، مىللىتىنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇلارنى نادانلىق، قالاقلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭمۇ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ.

ئاتۇشنىڭ  24 كەنتىدە 24باشلانغۇچ مەكتەپ ئېچىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ،مىسلى كۆرۈلمىگەن مەرىپەت ھەرىكىتىنى قوزغايدۇ.گەرچە 1934-يىلى ئەتىيازدا ۋەزىيەت جىددىي ئۆزگىرىپ، ستالىن شىڭ شىسەينى يۆلەپ شەرقى تۈركىستاننى تۇتقۇزۇپ قويغان بولسىمۇ، قەشقەر ۋىلايىتى مەھمۇد مۇھىتىنىڭ قولىدا بولغاچقا، مەمتىلى ئەپەندى 1935-يىلدىن 1937-يىلغىچە ئاتۇشتا ئاقارتىش پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1935- يىلى يازدا ئوخشاش فورما كىيگەن نەچچە يۈز نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ، ئىزچىلار ئەترىتىنى تەشكىللەپ، ئۆزى باش بولۇپ مارش ۋە ناخشىلارنى ئېيتىپ پەيزىۋات، توقۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار ۋە قەشقەر شەھەر ئەتراپىنى ئايلىنىپ، يېڭى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ.

مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ جەڭگىۋار ھەرىكىتى قەشقەردە تۇرۇۋاتقان قوماندان ۋە مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغان مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى نۇرغۇن جەڭگىۋار شېئىرلارنى يازغان بولۇپ، «ئوقۇدى-ئاشتى» ناملىق بىر داستاننى يېزىپ تاماملايدۇ.1937-يىلى 2-ئايدا مەھمۇد مۇھىتى ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قەشقەرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، قاباھەتلىك كۈنلەر باشلىنىدۇ.جاللات شېڭ شىسەي كۆزگە كۆرۈنگەن بايلار ۋە ئىلغار پىكىرلىك زاتلارغا قەست قىلىشقا باشلايدۇ.

مىللەتنى ئويغىتىش ۋە تەربىيەلەشتەك مۇقەددەس ئىشقا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان ھەم بۇ يولدا ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشقان مەمتىلى ئەپەندى1937-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى دەرس ئۈتۋاتقان يېرىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ.ئەسلىدە ستالىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىش ھەرىكىتىدىن نارازى بولۇپ، قان ئىچەر ئۈچ ھاجىنى 1935- يىلى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن ئىدى. ئۇلار شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساقچى ئىدارىسىدە خىزمەت قىلغاچ مەخپىيەتلىك توپلاپ ، نۇرغۇن سىياسىي ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەربابلىرىمىزنى تازىلاشقا مەسئۇل بولغان. مەمتىلى ئەپەندىممۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.ئۇ تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كىيىن «ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسيان ئېتەر، كۆندە مۇشتۇمدەك كېسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر» دېگەندەك ئۆتكۈر مىسرالىق جەڭگىۋار شېئىرلارنى قېنى بىلەن تامغا يېزىپ، ئۆزىنىڭ تىز پۈكمەس روھىنى ئىپادىلەيدۇ. 1937-يىلى30-ماي كۈنى، ستالىن ۋە شېڭ شىسەينىڭ غالچىسى قادىر ھاجى دېگەن مەلئۇن تۈرمىگە ئوت قويۇپ بېرىپ،  مىللەت سەركىلىرىدىن 300 دىن ئارتۇق كىشى بىلەن ئۇنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.

مەنبە: «مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق كىتاب ۋە تور دۇنياسى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

2- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى خىتابنامىسى

سە ماي 31 , 2022
https://www.uyghurcongress.org/uy/2-nowetlik-sherqiy-turkistan-milliy-kengishi-xitabnamisi/ مەنبە

You May Like