كورېيە پرېزىدېنتى «گ 7» يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. پۇتىن تاجىكىستان، تۈركمەنىستان زىيارىتىنى باشلىماقچى

كورېيە پرېزىدېنتى «گ 7» يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. پۇتىن تاجىكىستان، تۈركمەنىستان زىيارىتىنى باشلىماقچى

كورېيە پرېزىدېنتى «گ 7» يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. پۇتىن تاجىكىستان، تۈركمەنىستان زىيارىتىنى باشلىماقچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 27-ئىيۇن

يۈسۈپجان

كورېيە يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورېيە پرېزىدېنتى يۇن سېئوك يۇل (Yoon Seok-youl) ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەت (G7) رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن 27-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن مادرىدقا قاراپ يولغا چىققان. بۇ كورېيەنىڭ تۇنجى قېتىم مەزكۇر يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىشى بولۇپ، پرېزىدېنت يۇن سېئوك يۇل نىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى دۆلەت ئىشلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق G7 يىغىنىغا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىن ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت قاتنىشىدىكەن.  29-ئىيۇن ئامېرىكا، ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى كۆرۈشۈشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر «ئۈچ تەرەپ كۆرۈشۈش» يېقىنقى 4 يىل 9 ئايدىن بۇيانقى ئۈچ تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشى بولىدىكەن.

رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادېمىر پۇتىن بۇ ھەپتە تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇز ئۇرۇشىنى باشلىغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق چەتئەل زىيارىتى ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، پۇتىن بۇ قېتىملىق سەپىرىدە ئاشخابادتا ئېچىلماقچى بولغان «كاسپى دېڭىزى» دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنىغىمۇ قاتناشماقچى بولۇپ، بۇ يىغىندا ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئىران، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىغان. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

گوللاندىيەدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغداش تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

چا ئىيۇن 29 , 2022
گوللاندىيەدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغداش تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

You May Like