دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا ئۆتكۈزۈلگەن «كوپېنھاگېن دېموكراتىيە زىرۋىسى» ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن توغراق تەييارلىدى
2025-05-14
مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا ئۆتكۈزۈلگەن« كوپېنھاگېن دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنى» غا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، قۇرۇلتايغا ۋاكالىتەن، ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى رۆشەن ئابباس، قۇرۇلتاي فوندى رەئىسى غەيۇر قۇربان، قۇرۇلتاي قانۇنچىلىق كومىتېتى سابىق رەئىسى، كانادادىكى «ئۇيغۇرئۇيغۇر ھەق -ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتى»نىڭ رەئىسى مەمەت توختى قاتارلىقلار تەكلىپبىلەن قاتناشقاندىن باشقا، تەيۋەن پارلامېنت ئەزاسى ۋە بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنىڭيېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىمۇ قاتناشقان.
رۆشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ؛« بۇ يىغىندا نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە ئۇنى يوشۇرۇش، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆزىنى بوياشتىكى تاكتىكىلىرىنى چۈشەندۇردۇق».
«كوپېنھاگېن دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنى» ھەر يىلى يازدا دانىيەنىڭ كوپېنھاگېندائۆتكۈزۈلىدىغان ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان خەلقئارالىق يىغىن. بۇ يىغىن، دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت باشلىقلىرى، مىنىستىرلىرى، دېپلوماتلار ۋە سابىق ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، سىياسىي ۋەسودا رەھبەرلىرىنى، دۇنيادىكى داڭلىق ئاخباراتلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان يىغىن. يىغىننىڭ مەقسىدى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ زاۋاللىققا يۈزتۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ دېموكراتىك دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي خىرىسلارنى تەھلىل قىلىدىغان، تېخنىكا بىلەن دېموكراتىك قائىدىلەرنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرلىرىنى تەھلىل قىلىدىغان خەلقئارالىق مۇنبەر .
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فوند رەئىسى غەيۇر قۇربانمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ« كوپېنھاگېن دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنى»غا ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىشى، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يەنىلا كۈنتەرتىپتىكى بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈدۇ. شۇنداقلا ،بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ يول قويۇشى دېكتاتورلار تەرىپىدىن قورقۇنچاقلىق دەپ قارالغانلىقى سەۋەبلىك، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قىبلىنامە قىلغان دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىيەنى قوغداش ئۈچۈن ۋاقتى كەلگەندە ئورۇش قىلىشتىنمۇ باش تارتمايدىغانلىقىنى،دېكتاتورلۇق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى بۇرۇنقىدەك ئىنسانپەرۋەرلىك ياكى سۆھبەت -سۇلھى بىلەن ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ قاتتىق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇشتىنمۇ چېكىنمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، خىتاي ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇ يىغىندا ئوچۇق ۋە قاتتىق ئىبارىلەر تىلغا ئېلىنغانلىقى» دەيدۇ.
تۇنجى «كوپېنھاگېن دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنى» 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى كوپېنھاگېندائۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ،شۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئىچىدە كانادانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ستىفېن خارپېر ، ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىن ، ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى تونىي بىلايىر ، ئېستونىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى توماس ئىلۋېس ۋە دانىيە باش مىنىستىرى لارس لۇككې راسمۇسسېن قاتارلىقلار بار بولۇپ 40 نەچچە دۆلەتتىن جەمئىي350 يوقۇرى قاتلامدىكى سىياسىئونلار قاتناشقان ئىدى.
2020-يىلدىكى كوپېنھاگېن دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنىغا ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا دۆلەتئىشلىرى كاتىپى مايكېل پومپېيو ، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون كېررىي ۋەمادېلىن ئالبرايت، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي ئىنگې قاتناشقان ئىدى.
2021-يىلى ، سلوۋاكىيە پرېزىدېنتى زۇزانا چاپۇتوۋا دېموكراتىيەنىڭ ئۈچ ئاساسلىق مۇداپىئەلىنىيىسىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇنىڭ مۇستەقىل ئورگانلار ، ئاكتىپ پۇقرالار جەمئىيىتى ۋە ئەركىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن مەسئۇل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2022-يىلدىكى دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنى ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى باراك ئوباماتەرىپىدىن يېپىلغان ۋە لىتۋا باش مىنىستىرى ئىنگرىدا شىمونىتچ ، ياۋروپا پارلامېنتى رەئىسىروبېرتا مېتسولا ۋە ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي نوتۇق سۆزلىگەن ئىدى.
2023-يىلى ، چېخ پرېزىدېنتى پېتېر پاۋىل ، ئېستونىيە باش مىنىستىرى كاجا كاللاس ، ئۇكرائىناپرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنسستولتېنبېرگ ،ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى لىز ترۇس، ۋە بېلورۇسىيەنىڭ سىياسىي پائالىيەتچىسى سۋىياتلانا چىخانوسكايا قاتارلىقلار قاتناشقان ئىدى.