«كىشلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى»: ختاي نېڭشيا ۋە گەنسۇدىكى مەسجىدلەرنى تاقىغان ياكى چېقىۋەتكەن

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 22-نويابىر

كىشلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى ئىلان قىلغان«ختاينىڭ مۇسۇلمان رايونلىرىدا مەسجىدلەر چېقىلغان، ئۆزگەرتىلگەن، تاقالغان»ناملىق دوكلاتتا، ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىلدىن بىرى، نېڭشيا ۋە گەنسۇدىكى مەسجىدلەرنى «مەسجىدلەرنى مۇستەھكەملەش»نامىدىكى ھەرىكەت ئاستىدا چېقىپ تاشلىغانلىقى  يورۇتۇپ بىرىلگەن.دوكلاتتا،چېقىلغان ياكى ئۆزگەرتىلگەن مەسجىدلەرنىڭ 3تىن بىر قىسمىدىن كۆپ ئىكەنلىكى تىلغا ئىلىنغان.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورى-كىشلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ختاي بۆلۈمىنىڭ ۋاقىتلىق دىرىكتورى، ختاي مىللىتىدىن بولغان تەتقىقاتچى مايا ۋاڭ مۇنداق دىگەن:«ختاي ئۆزى دىگەندەك مەسجىدلەرنى مۇستەھكەملەۋاتقىنى يوق، بەلكى ئەكسچە، مەسجىدلەرنى تاقاۋاتىدۇ،چېقىۋاتىدۇ. بۇ دىنى ئەركىنلىك پىرىنسپلىرىغا خىلاپ.

ختاي مەسجىد چېقىش سياسىتىنى 2017-يىلدىن باشلاپ،مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاندا كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە سياسەت-ستىراتىگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ختاي ئۇيغۇرلارنىڭ مەسجىدلىرىنىڭ  3تىن ئىككى قسمىنى چىقىپ تاشلىغان.

مايا ۋاڭ دوكلاتنىڭ تەۋسيە قسمىدا، ئ‍سلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسجىدلەرنى چېقىلىشتىن ساقلاشقا ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن دەۋەت قىلغان.   

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي فىرانسيە، گىرمانىيە، ئ‍تالىيە، گوللاندىيە، ئ‍سپانىيە، مالايسيا قاتارلىق 6 دۆلەتتىن ۋېزا تەلەپ قىلمايدىغان بولدى. ئۇيغۇرلارغا كۆرستىدىغان تەسرى

جۈ نويابىر 24 , 2023
ئەسقەرباي،  ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 24-نويابىر ختاي تاشقى ئ‍شلار منىستىرلىكى 24-نويابىر بايانات ئىلان قىلىپ،  فىرانسيە،  گىرمانىيە، ئ‍تالىيە، گوللاندىيە،  ئ‍سپانىيە، مالايسيا قاتارلىق 6 دۆلەتلەردىن ۋېزا تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ختاي تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى باياناتىدا مۇنداق دىگەن: « ختاي ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ بىرىپ-كىلىشنى قولايلاشتۇرۇش،چەتئەللەرگە يۇقىرى سۈپەتتە ئېچىۋىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ختاي تەرەپ فىرانسيە، گىرمانىيە، ئ‍تالىيە،گوللاندىيە، […]
ختاي ۋېزا بىكار قىلدى

You May Like