قازاقىستان پرېزىدېنتى دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى ئېلان قىلدى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى

قازاقىستان پرېزىدېنتى دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى ئېلان قىلدى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى

 قازاقىستان پرېزىدېنتى  دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى ئېلان قىلدى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى

تۇرسۇنجان 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 4-سېنتەبىر

قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېۋ شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى پارلامېنتتا قازاقىستان خەلقىگە دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى بەردى، دوكلات مەزمۇنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەرگە چېتىلدى.

توقايېۋ بۇ يىل كۈزدە پرېزىدېنت سايلىمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈش ۋە بىر ۋاقىتتا 2023- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەركىزىي ۋە يەرلىك پارلامېنت سايلىمىنى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەردى.

توقايېۋ ئىقتىسادىي ساھەدە ھۆكۈمەتتىن ئاھالىلەرنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئەگەر تاۋار كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالاقىدار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئاھالىلەر مەلۇم قىممەتتىن ئېشىپ كەتكەن ئۆي-مۈلۈك، قاتناش قوراللىرىنى سېتىۋالغاندا، ئۇلاردىن پاراغەت بۇيۇملىرى بېجى ئېلىش تەكلىپىنى بەردى. بۇنىڭدىن باشقا، قازاقىستاننىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 60 مىڭدىن 70 مىڭ تەڭگىگە تەڭشەش تەكلىپىنى بەردى(1 دوللار تەخمىنەن 468 تەڭگىگە توغرا كېلىدۇ).

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ۋەتەندىكى يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى:5-سىنتەبىر:23 بىمار، باستۇرۇش داۋام قىلماقتا.

دۈ سېنتەبىر 5 , 2022
9- ئاينىڭ 4 - كۈنى سائەت كەچتە، ختتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇم مۇداپىيە-تىزگىن ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا 4 -چېسلا سائەت 0 دىن 21 گىچە، شىنجاڭدا يەرلىك ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىدىن بىر كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى خەۋەرلەندۈرۈلدى.

You May Like