«كارۋان ساداسى» دىن ياڭرىغان سادا

«كارۋان ساداسى» دىن ياڭرىغان سادا

«كارۋان  ساداسى» دىن  ياڭرىغان  سادا    

مۇھاجىرەتتىكى تېنىمسىز ھاياتىمىزنىڭ يارقىن ئىزناسى، كېلەچىكىمىزنىڭ نۇرى، تەشنالىقىمزنىڭ بۇلىقى. ھايات كارتىنىمىزنىڭ ئەينىكى بولۇپ كېلىۋاتقان «كارۋان ساداسى» پروگراممىسى مۇھاجىرەتتىكى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان يۇقىرى سەۋىيەلىك  پروگراممىدۇر. 

2020-يىلى مارت ئېيىدا كەڭ جامائەتچىلىك   بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە باشلىغان بۇ پروگراممىنى، گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى  دىلنۇر ئابدۇرېشىت خانىم ئۆزى يېگانە ھالدا پىلانلاپ  ۋە رېژىسسورلۇق قىلىش ھەمدە مونتاژ خىزمەتلىرىنى ئۆزى بىر قوللۇق تاماملايدۇ، شۇ يىلى مارتتا خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان كۈلكە ئارتىسلىرىدىن  مەخمۇت دارايوف  ۋە رەيھانگۈل مەخپىرىۋالارنى تونۇشتۇرغان تۆھپىكارلار پروگراممىسى بىلەن بۇ سەھىپىنى باشلايدۇ.

دىلنۇر خانىم ئەڭ ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۆزى بىۋاسىتە بېرىپ، شۇ جايدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئۇيغۇر تىياتىرلىرى قاتارلىق قازاقىستاندىكى كۆزى كۆرۈنگەن شەخس، ئورگان ھەمدە مەكتەپلەر ھەققىدە فىلىم ئىشلەپ كەڭ مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزگە تەقدىم قىلدى.

ئۇنىڭ قازاقىستان دىيارىدىكى، خەلقىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى ئابدۇللا روزى باقىيۇف نامىدىكى 153مەكتەپ گىمنازىيەسى زىيارەت خاتىرە  فىلىمى كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھالىرىغا ئېرىشتى. 
كارۋان ساداسى پروگراممىسى، تەكلىماكان روھىغا تويۇنۇپ ئۆسكەن ھارماس تۆھپىكارلىرىمىزدىن ئابدۇرېھىم ئەخمىدى، قەمبەر خانىم، ئايتۇرغان ھەسەنوۋا، مۇرات ناسىرۇف، كۈرەش كۈسەن قاتارلىق كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر سەركەردىلىرىمىزنىڭ ھايات كارتىسىنى فىلىم قىلىپ ئىشلەپ، ئېكرانغا ئېلىپ چىقىپ، بۈگۈنكى ياش ئەۋلادلارغا ھايات كارتىنىمىزنىڭ ئەينىكى بولۇپ ئارخىپ سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغۇسى دېگەن ئۈمىدتە تىرىشىپ ئىشلىمەكتە.

دىلنۇر خانىم يەنە نورۇز بايرىمى، روزا ھېيت ۋە جۇمھۇرىيەت بايراملىرى ئۈچۈن ئۆزگىچە سەنئەت پروگراممىلىرىغا ئۆزى  رېژىسسورلۇق قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ كەلمەكتە . 
دىلنۇر خانىم  ئاخىرىدا يەنە،  ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسيانكارلىق روھىنى دۇنياغا جاكارلاش، ھاياتلىق مەشئەللىرىمىزنىڭ پىلتىسىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ نىسپىتى دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى

دۈ ماي 16 , 2022
كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ نىسپىتى دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى

You May Like