ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
تەييارلىغۇچى: سايئوغلى
2019-6-12
كانادادىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خۇشاللىنارلىق خەۋەر كەلدى. كانادادا ياشاۋاتقان پەرھات قاسىم ئاكىمىزنىڭ ئوغلى مۇستافا قۇرئان تۇتۇپ قەسەم بېرىپ فېدرال ساقچى بولدى. بۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خوشاللىق، ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئىلھام بىغىشلايدىغان بىر خۇش خەۋەردۇر.
پەرھات قاسىم ئاكىمىزنىڭ بىلدۈرشىچە، ئوغلىنىڭ قۇرئان تۇتۇپ تۇرۇپ قەسەم بېرىپ ساقچى بولىشى ئۇنى ناھايىتى تەسىرلەنگەندۈرگەن. ئوغلىنىڭ خىزمەت ئورنىدا تاھارەت ئالدىغان، ناماز ئۇقۇيدىغان يەرلىرىنىڭ تەل بولىشى ئۇنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالغان.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇستافاغا ئوخشاش ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە ئىجابىي تەسىرىنى يۈكسەلتىدىغان ياشلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىغا تىلەكداشمىز!