كانادا شەرقى تۈركستان جەمئىيتى غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەپ، خىتتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى.

ھەر يىلى 5- فېۋرال كۈنى ئون مىڭلىغان غۇلجا ياشلىرى تاجاۋۇزچى خىتتاي ئارمىيسنىڭ قىرغىنچى قوراللىرىغا قارىماستىن ئۆز ھوقۇقى، شەرىپى ئۈچۈن ئورندىن دەس تۇرۇپ، قارشىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان ۋە يۈزلىگەن شېھىت بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غورۇرىنى دۇنياغا نامايەن قىلغان بىر تارىخىي كۈن.

ئ‍ۇيغۇرىئان
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2021- يىلى 5-فېۋرال

 

ھەر يىلى 5- فېۋرال كۈنى ئون مىڭلىغان غۇلجا ياشلىرى تاجاۋۇزچى خىتتاي ئارمىيسنىڭ قىرغىنچى قوراللىرىغا قارىماستىن ئۆز ھوقۇقى، شەرىپى ئۈچۈن ئورندىن دەس تۇرۇپ، قارشىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان ۋە يۈزلىگەن شېھىت بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غورۇرىنى دۇنياغا نامايەن قىلغان بىر تارىخىي كۈن. بۇ كۇنى كانادا شەرقىي تۈركستان جەمئىيتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ھەر قايسى شەھەرلەردىن يىراق يول يۈرۈپ كەلگەن 50 ئەتراپىدا ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ياشلار تورۇنتۇدىكى خىتاي ئەلچىخانىسنىڭ ئالدىغا جەم بولغان بولدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئەزالىرىدىن ئەلىجان ئەپەندى كۆپچىلىككە ۋاكالىتەن مۇنداق دېدى: «قېرىنداشلىرىمىز غۇلجا ئىنقىلاۋى ۋە قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش، خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن قەھرىتان سوغۇققا ۋە يول ئازابىغا قارىماي، يىراقلاردىن يېتىپ كەلدى. ئەمما ھازىر ۋىرۇس سەۋەبلىك ئونتارىئو ئۆلكىسى سىرتلاردا توپلىشپ ھەرىكەت قىلىشنى چەكلىگەن بولغاچقا، كۆپچىلىك بىر يەردە جەم بولالمىدۇق. شۇنداقتىمۇ، خىتتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بايراقلىرىمىزنى لەپىلدىتىپ، ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچلىق ۋە قىرغىنچىلىققا قارشى ئىرادىسى ۋە خىتتايغا بولغان قارشىلىقىنى بىلدۈردى.»

 

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يىللاردىن بېرى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئاكتىپ بولۇپ، جامائەتنى ئۆزئارا ھەمكارلاشقان، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى ساقلىغان، ۋەتەن، مىللەتنىڭ ئاۋازى بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان يېڭى بىر جامائەت ئوبرازىنى ياراتماقتا ۋە كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولماقتا.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا پارلامېنت تەتقىقات مەركىزىنىڭ يېڭى دوكلاتى - شىمالىي قۇتۇپتىكى ئۆزگىرىشلەر

شە فېۋرال 6 , 2021
مۇز قاتلىمىنىڭ ۋە مۇز تاغلىرىنىڭ ئازىيىشى بىلەن شىمالىي قۇتۇپتىكى پائالىيىتچىلەر تەدرىجى كۆپىيىپ، كىشىلەرنىڭ بۇ رايوننىڭ كەلگۈسىگە بولغان قىزىقىشى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

You May Like