پرېزىدېنت جو بايدىن شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى

پرېزىدېنت جو بايدىن شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى

 پرېزىدېنت جو بايدىن شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 18-مارت

 

ئارمان تەييارلىغان

18-مارت ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئىككى سائەتكە يېقىن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.

خىتاي تاراتقۇسى «مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» بىلەن «شىنخۇا» ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ سۆھبەت ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ مۇنداق دەپ يازغان : «ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالىتىنى كۆرۈشنى خىتاي تەرەپ ئەسلا ئۈمىد قىلمىغان. ئامېرىكا ۋە خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزا دۆلىتى ۋە دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن  خەلقئارادىكى تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشلىرىنى توغرا بولغان رېلىسقا ئېلىپ كىرىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇش كېرەك.» 

خىتاي تاراتقۇلىرىدا يېزىلىشىچە، شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق دېگەن: « دۆلەتلەر ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ھەربىي توقۇنۇش باسقۇچىغا كىرىشى بىھاجەت». شى نىڭ بۇ سۆزلىرى چەتئەل تاراتقۇلىرىدا ئورتاق ھالدا خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىماسلىققا قاراپ يۈزلىنىشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئۆزگىرىشنىڭ باشلىنىشى دەپ تەھلىل قىلىنغان. ئەمما شى ئارقىدىن ئۇلاپ مۇنداق دېگەن: « شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنىلا شۇ مەسىلىنى تېرىغان كىشىدىن ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدىمەك لازىم.» ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ نەزىرىدە خىتاينىڭ يەنىلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش تۇتۇپ ھېچقايسى تەرەپكە يامان بولۇشنى خالىمىغانلىقىدەك خاھىشىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىپادىلەپ بەرگەن.

سۆھبەتتىن كېيىنكى ئاق ساراي ئورگان تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بەرگەن يازمىچە باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن:

« پرېزىدېنت جو بايدىن بۈگۈن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى، سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە بولدى. پرېزىدېنت بايدىن بۇ كرىزىس ھەققىدە ئامېرىكىنىڭ شۇنداقلا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىنى شى جىنپىڭغا تەپسىلىي يەتكۈزدى. 

پرېزىدېنت بايدىن رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇز ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىنكى ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئېلىپ بارغان مۇداپىئە ۋە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۇسۇللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ ئۆتتى، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ ھازىرغىچە تۆلىگەن بەدەللىرىنى بىرمۇ بىر مىسال ئالدى. ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ، ئەگەر خىتاي بۇ قېتىملىق رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا شەھەرلىرى ۋە پۇقرالىرىغا قاراتقان ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرىغا شېرىك بولۇپ ھەرقانداق شەكىلدە رۇسىيەگە ياردەم بەرسە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.  

پرېزىدېنت بايدىن دىپلوماتىك سۆھبەت ئارقىلىق كرىزىسنى ھەل قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق ھالدا ئېچىۋېتىلگەن سۆھبەت يوللىرىنى قۇرۇشنىڭ نۆۋەتتىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتى.

پرېزىدېنت ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن سىياسىتىگە تۇتقان يولىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، يەنى ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق تاق تەرەپلىك ھەرىكەتكە قارشى مەيدانىنى قايتا شەرھلىدى. ئاخىرىدا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق ھالدا، كېيىنكى ھالقىلىق سۆھبەتلەردە ئۆزىگە تەۋە گۇرۇپپىلىرىنىڭ بۈگۈنكى سۆھبەتنىڭ روھىغا ئاساسەن ئىش يۈرگۈزۈشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2022-يىللىق نورۇزنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى

شە مارت 19 , 2022
پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2022-يىللىق نورۇزنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى

You May Like