جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە نامايىشنىڭ تەييارلىقلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە

جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە نامايىشنىڭ تەييارلىقلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە

 جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە نامايىشنىڭ تەييارلىقلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە
 
ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 10-ماي

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى نامايىشنىڭ تەييارلىقلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالدىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى باش كاتىپى مېشەل باچلېتنىڭ، خىتاي ۋە شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى ئالدىدا لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى نامايىش چاقىرىقى ئېلان قىلغان ئىدى.  

بىرلەشمە نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە. بۇ ھەقتە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەندىلى قاراخانلى ئەپەندىم  نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈپ قالغانلىقىنى، ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن تەرتىپ ساقلىغۇچى ۋە نامايىش يېتەكچىلىرىنى بېكىتىپ چىققانلىقىنى، نامايىشقا كەلگەنلەرنىڭ ئىچىملىك سۈيىنىمۇ تەقلەپ قويۇلغانلىقىنى يەنە ،  نامايىشقا ئامېرىكا ، ئاۋسترالىيە، ۋە ياپونىيەدىن كېلىدىغان قاتناشقۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش،ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ جىددىي ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە ئۆتكۈزۈلگەن شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھېيتلىق يىغىلىشىدا ، شىۋىتسارىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى نامايىشقا كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش ۋە ھەر كىم قولىدىن كېلىشىچە يېمەك –ئىچمەك تەييارلاپ ئۇزاقتىن كەلگەنلەرنىڭ يېمەك –ئىچمەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

بۇندىن باشقا شىۋىتسارىيەدىكى تۈرك جامائىتىگىمۇ بۇ نامايىشقا قاتنىشىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىندى. تۈركىيەنىڭ« كېلەچەك پارتىيەسى» باش رەئىس ياردەمچىسى ، پروفېسسور دوكتور سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندىم ئاگېنتلىقىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شىۋىتسارىيەدە ياشاۋاتقان كېلەچەك  پارتىيە ئەزالىرىنى ۋە شىۋىتسارىيەدىكى تەمسىلچىلىرىنى بۇ نامايىشقا قاتنىشىشقا ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى , ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىتەرەپ ئاخبارات سۇپىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مىللەتنىڭ مەسىلىسىدە ھەر قانداق ئىچكى زىددىيەت ۋە تالاش –تارتىشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ياۋروپادا ياشاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ نامايىشقا تولۇق قاتنىشىشقا ۋە مىللىي مەنپەئەتنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە كۆرسىتىپ قويۇشقا چاقىرىق قىلىمىز !

نامايىش باشلىنىش ئورنى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالدىدىكى مەيدان (Place des Nations 1
1202 Genève)

نامايىش ئاخىرلىشىش ئورنى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى (Quai Wilson 47, 1201 Genève)

نامايىش ۋاقتى:

2022-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 9دىن 14غىچە.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

نۇرى تۈركەلنىڭ «قېچىش يولى يوق »ناملىق كىتابى رەسمىي نەشردىن چىقتى، ساھەلەر بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا

سە ماي 10 , 2022
نۇرى تۈركەلنىڭ «قېچىش يولى يوق »ناملىق كىتابى رەسمىي نەشردىن چىقتى، ساھەلەر بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا

You May Like