مۇراجىئەتنامە: ئۈچ ياشلىق نارەسىدە ئوغلىمىز جەفەرجان سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە موھتاج

مۇراجىئەتنامە: ئۈچ ياشلىق نارەسىدە ئوغلىمىز جەفەرجان سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە موھتاج

 مۇراجىئەتنامە: ئۈچ ياشلىق نارەسىدە ئوغلىمىز جەفەرجان سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە موھتاج

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى6-نويابىر

ئىجتىمائىي تور ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئەقىدە ئىسمائىل خانىمنىڭ ئۈچ ياشقا كىرگەن ئوغلى جىددىي خاراكتېرلىك قان راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى زور سوممىلىق داۋالاش خىراجىتى يالغۇز ئانىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن. «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدىن مۇھاجىرەتتىكى قۇربىتى يەتكەن قېرىنداشلارنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان ئانا بالىغا ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئىلتىماس قىلىمىز.

تۆۋەندىكى مۇراجىئەتنامە مۇيەسسەر خەندان خانىمنىڭ فەيسبۇك بېتىدىن ئېلىندى:

« مۇراجىئەتنامە
ئىلاۋە: مەن مۇيەسسەر (خەندان) بالىنىڭ ئاپىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىگىلىدىم. شەخسىي نامىمدا بۇ ئىشنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. ئاستىدا قالدۇرۇلغان ھېساب بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ھېساب نومۇرى، ياردەمنى بىۋاسىتە شۇ نومۇرغا ئەۋەتسەڭلار بولىدۇ. بىر ئائىلىدە بىرەيلەن ئېغىر ئاغرىق بولسا، پۈتۈن ئائىلىنىڭ ئارامى بۇزۇلىدۇ. ئامال بار كۆڭلۈڭلارنى تىنچ ئۇسۇلدا يەتكۈزۈپ، بالىنىڭ ئائىلىسىنى پاراكەندە قىلماسلىقىڭلارنى شەخسەن ئۆتۈنىمەن.  
***
ئوغلىمىز جەفەرجان 2022 – يىلى 3- ئايدا كۆزى ئىششىپ كەتكەنلىكتىن،  دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش نەتىجىسىدە جىددىي خاراكتېرلىك قان راكى  دېگەن دىئاگنوز قويۇلدى. يەتتە ئاي ئىچىدە بەش قېتىم دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ داۋالاتتۇق. ھەر قېتىملىق داۋالاش باسقۇچى 20 كۈندىن بىر ئايغىچە بولۇپ، 50 – 60 مىڭ لىرا داۋالاش ھەققى كەتتى. ھەر قېتىم دوختۇرخانىغا قەرز بولۇپ قېلىپ دوختۇرخانىدىن تەستە چىقتۇق. قەرز سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا ئېلىنماي، جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق كىرىشكە مەجبۇر بولدۇق. دوختۇر بالىنىڭ داۋالىنىشىغا ئاز دېگەندە بىر يىل كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كېسەل سەۋەبلىك كۆپ چىقىمدار بولدۇق، دوختۇرخانىغا 50 مىڭ لىرا قەرزىمىز بار. بالىنىڭ دادىسى ئۈچ يىل بۇرۇن تۈرمىگە كىرىپ قالغان، ھازىرغىچە چىقالمىدى. مەن بالىنىڭ ئاغرىقى سەۋەبلىك ئىشلىيەلمىدىم. بالامنىڭ سەللىمازا ساقىيىشى ئۈچۈن كۆپچىلىكتىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولدۇم.
بالىنىڭ ئانىسىنىڭ نومۇرى: 
Tel: +90 534 760 99 17
لىرا ھېسابى: 
TR29 0020 3000 0863 8284 0000 01
AKİDE İSMAİL
Albaraka Bankası
دوللار ھېسابى:
TR02 0020 3000 0863 8284 0000 02
AKİDE İSMAİL
Albaraka Bankası »

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مېچىگان شتاتىدا بىر يەھۇدىينىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتىدە دەخلىسىز ئىبادەت قىلغانلىقى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى

سە نويابىر 8 , 2022
مېچىگان شتاتىدا بىر يەھۇدىينىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتىدە دەخلىسىز ئىبادەت قىلغانلىقى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى

You May Like