جازا لاگىرى تىراگېدىيىسى شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ يۆنلىشىنى ئۆزگەرتىۋاتامدۇ؟

جازا لاگىرى تىراگېدىيىسى ئوتتۇرغا چىققاندىن كىيىن، دىئاسپورادىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا يىڭى بىر پىكىر ئىقىمى شەكىللىنىۋاتىدۇ. شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقان سىياسىي تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن ئىلمىي جەمىيەتلەرنىڭ باشلامچىلىرىغىچە، كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلاردىن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىلىم ئەھلىلىرىگىچە،

ئىقبال

تەھرىر: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئاگېنتلىقىمزدا ئېلان قىلنغان ئىجادى ئەسەر، ئوبروز، مۇلاھىزە ۋە مۇھاكىمە ماقالىلىرى پۈتۈنلەي يازغۇچىنىڭ شەخسى كۆزقارشى ۋە ئانالىزى بولۇپ ئاگىنتلىقىمزنىڭ كۆزقارشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بىز پەقەت يازغۇچىلارنىڭ كۆزقارشى، ئانالىزى ۋە تەكلىپ- پىكىرلىرىنى كەڭ خەلقىمز بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن سەھنە تەييارلاپ بېرىمىز.]

 

جازا لاگىرى تىراگېدىيىسى ئوتتۇرغا چىققاندىن كىيىن، دىئاسپورادىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا يىڭى بىر پىكىر ئىقىمى شەكىللىنىۋاتىدۇ. شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقان سىياسىي تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن ئىلمىي جەمىيەتلەرنىڭ باشلامچىلىرىغىچە، كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلاردىن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىلىم ئەھلىلىرىگىچە، پىداكار ئاۋانگارتلاردىن خالىس ئەگەشكۈچى قوللىغۇچىلارغىچە بۇ پىكىر ئېقىمىدا ئېقىۋاتقانلىقى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىر ئەھۋال. ئۇنداقتا بۇ قايسى پىكىر ئىقىمى؟ ئىجتىمائى تاراتقۇ ۋاستىلىرى، ئاممىۋى تاراتقۇلار ۋە ھەرخىل كېڭەش، يىغىلىش، مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا بىز ھەممە ئىشىمىزنى تاشلاپ زىھنىمىزنى جازا لاگىرلىرىنى تاقىتىشقا مەركەزلەشتۈرىشىمىز كېرەك. ئاڭلىماققا بۇ ناھايتى ئورۇنلۇق ۋە مۇھىم بىلىنىدۇ. ئەمما بىراز چوڭقۇرراق ئويلايدىغان بولساق ، بۇ پىكىرنىڭ تېگىدە مەززىلىك پۇرايدىغان باكتىرىيە، زەمبىرۇغلارنى بايقايمىز. توغرا، جازا لاگىرلىرى تاقىلىشى كىرەك. ئۇيەردىكى مىللى، دىنىي ، كۈلتۈرەل قىرغىنچىلىقلار توختىتىلىشى كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر شەرقى تۈركىستانلىق ئىمكانىيىتى ياربەرگەن تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشى كىرەك. بۇ ئۇلارنىڭ مىللىي، دىنىي، ئىنسانى مەجبۇرىيتى. ئەمما ھەممە ئىشىمىزنى تاشلاپ دىققەت ئىتىبارىمىزنى جازا لاگىرى دىراممىسىغىلا مەركەزلەشتۈرۈشكە تەشۋىق قىلىنىش مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت مۇقەددەس ئىدىيەنى سۇسلاشتۇرۇۋەتسە بولمايدۇ. دۇنياغا جازا لاگىرلىرى تاقالسىلا خەلقىمىزنىڭ خىتاي بىلەن ياشاشقا رازى ئىكەنلىكىدەك سەلبىي تەسىر بېرىپ قويساق بولمايدۇ. جازا لاگىرى تىراگىدىيىسى پەقەت بىر باسقۇچلۇق خىزمەت. بىز مۇستەقىللىق داۋايىمىزدىن ۋاز كەچمەيمىز دىيىلىشى مۇمكىن، ئەمما بىز شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى قۇراللىق كۈچكە ئەمەس، ئىلمى دىپلۇماتىيە بىلەن ئىلىپ بىرىۋاتىمىز. ئاخبارات ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى، مىللىتىمىزنىڭ پاجىئەسىنى، ۋەتىنمىزنىڭ ۋەزىيتىنى تونۇشتۇرۇشقا كۈچەۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىمىزنىڭ نىمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى ئوتتۇرغا قويۇۋاتىمىز. خىتاينىڭ رەزىل يۈزىنى، مىللىتمىزنىڭ قارا قىسىمىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق ، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرنى ئىزدەۋاتىمىز ۋە دۇنياغا بىزنىڭ نىمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىز ھەققىدە سىگىنال بېرىۋاتىمىز. بىز نىمىگە ئىھتىياجلىق؟ بىز ئىنساندەك ياشاش ئىمكانىيتىگە يەنى ئەركىنلىككە ۋە بۇ ئەركىنلىكىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ھۆر ۋەتەنگە مۇھتاج. شۇڭا داۋا سىپىدىكىلەر، پىدائى ئاۋانگارىتلار قىلىۋاتقان، قىلىدىغان سىياسى پائالىيەتلىرىدە پۈتۈن دىققىتىنى لاگىر مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسى ساھەدە «لاگىرلار تاقالسىلا بىزنىڭ باشقا تەلىپىمىز يوق، خەلقىمىز لاگىردىن قۇتۇلسىلا بولدى» دەيدىغان جانسىز تىلەكلىرىگە بىراز مەسئۇلىيەت يۈكلىشى كېرەك. جازا لاگىرى ھەققىدە يۈرگۈزىلىدىغان پائالىيەتلەردە، مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئاخىرقى غايە ئەكس ئېتىپ تۇرىشى كىرەك. جازا لاگىرى تىراگېدىيىسى مۇستەقىللىق سىگنالىغا كۈچ قوشۇشى كىرەككى، ھەرگىزمۇ مۇستەقىللىق ئىسيانلىرى خۈنۈكلەشتۈرۈلمەسلىكى كېرەك.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئابدۇرۇسۇل: تۈركىيەدىكى ئامېركا كونسۇلخانىسى ئالدىدا سۆزلەنگەن سۆز

سە نويابىر 13 , 2018
نوتۇقنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە : ئالدى بىلەن جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقوق يىغىنىدا ئادالەت ياقىلاپ، بىز شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن گەپ قىلغان، بىز ئۈچۈن بېلەت تاشلىغان ھەرقايسى دۆلەتلەرگە، تەشكىلاتلارغا ۋە يەككە شەخىسلەرگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمەن.

You May Like