شىۋېتسارىيەدە داڭلىق ژۇرنالىست ھارالد مائاس ئەپەندى شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقنى شىۋېتسارىيە خەلقىگە تونۇشتۇردى

شىۋېتسارىيەدە داڭلىق ژۇرنالىست ھارالد مائاس ئەپەندى شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقنى شىۋېتسارىيە خەلقىگە تونۇشتۇردى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 27-نويابىر

ھەبىبۇللا ئىزچى 

11-ئاينىڭ 26- كۈنى شېۋىتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە پائالىيەتچى، ئۇيغۇر، تىبەت  خەلقىنىڭ دوستى دانىيال ئاۋفشلەگەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا بىر مەيدان كونفرانس ئۆتكۈزۈلدى.

كونفرانسنى شىۋېتسارىيەدىكى تىبەت تەشكىلاتى، تەيۋەنلىك پائالىيەتچىلەر، شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئېلىپ باردى. بۇ قېتىمقى كونفرانسقا شىۋېتسارىيەلىك شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان شەخسلەر ،تەيۋەنلىك ياشلار، تىبەتلەردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشى قېتىلدى.

ئەسلىدە پائالىيەتكە كەلمەكچى بولغان ھارالد مائاس ئەپەندى مىيۇنخېندا بولغاچقا ۋېدىولۇق قېتىلدى.
ئو كونفرانسقا كەلگەن مېھمانلارغا ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ،شەرقى تۈركىستاننى،ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئارقىدىن شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت، ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالى، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىگەن ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ بۇ تونۇشتۇرۇشلىرىدا شەرقى تۈركىستاندا تارتقان رەسىملىرى، رېشاتكا رايونلىرى، تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قاتارلىق خىتاينىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى بىر -بىرلەپ تونۇشتۇردى.

ئۇ سۆزىدە شەرقى تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇپ ئەسلىدە ئۇ يەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى، ھازىر خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيىتىدە دەپ تونۇشتۇردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ خەلقئاراغا تەسۋىرلىگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەھۋالىنىڭ  رادىكالىزم ياكى تېررور بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقلۇقىنى، پەقەت بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پىلانلىغان ، ئۇيغۇرلارنى تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچۈرۈش ۋە مىللەت سۈپىتىدە ئاسمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە ھازىر شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسۇن،ۋەتەندىكى ئائىلىسى، قېرىنداشلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخىك ھالىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى. خىتاي شەرقى تۈركىستاندا قىرغىن، ئاسمىلاتسىيە قىلسا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا پسىخىك بېسىم ۋە تەھدىتلەر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەش ئارقىلىق بۈگۈن بۇ كونفرانسقا قاتناشقان شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەندىلى قاراخانلىنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن سۆزگە چىققان ئەندىلى قاراخانلى ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئاخىرقى قېتىم تۆت يىل بۇرۇن ۋەتەندىكى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشەلىگەنلىكىنى، ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي دۇنياغا تەسۋىرلىمەكچى بولغان رادىكال مىللەت ئەمەس بەلكى ئەڭ مۆتىدىل ۋە مەدەنىيەتلىك بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، خەلقئارانىڭ ۋە شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، غەربنىڭ ئىنسانى قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغانلىقغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭغا چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كونفرانسنىڭ سوئال -جاۋاب قىسمىدا بۇ كونفرانسقا قېتىلغان تەيۋەنلىك پائالىيەتچىلەر ژۇرنالىست ھارالد مائاس ئەپەندىدىن خىتاينىڭ كۈنسايىن قوپاللىق بىلەن دۇنياغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەقىقەتەن خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا قارشى ياۋروپا سىياسىتىنىڭ ۋە ئىنسانلىقنى ئۆزىگە بۇرچ قىلغان ژۇرنالىستلارنىڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە» بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن تېمىدا سوئاللارنى سورىدى.

كونفرانسقا قېتىلغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى، نېمە قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىشنىڭ بۇ يەردىكى ھەممەيلەننىڭ ئىنسانى بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ، ژۇرنالىست ھارالد مائاس ئەپەندىنىنىڭ ۋېدىئو ئارقىلىق تونۇشتۇرغان شەرقى تۈركىستاندىكى رېشاتكا رايونى ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ھەققىدە سوئاللارنى سورىدى.
كونفرانس ناھايىتى جانلىق كەيپىياتتا داۋام قىلدى.كونفرانس ئاخىرىدا «خىتاي قارا تاشلىق كىتابى»نى تارقاتتى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر نامىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

سە نويابىر 30 , 2021
شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر نامىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

You May Like