ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، ئستانبۇل، ئافراسياپ
2020-9-5
ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە تاراتقۇ ۋاستىلىرىغا ختتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدا بىگۇناھ قاماققا ئىلىنغان، ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزۈش يولغا چىققان 15 نەپەر ئۇيغۇر ياش 6-سىنتەبىر ئەنقەرەگە كىرگۈزۈلمىگەن.
ئاگېنىتلىقىمىزنىڭ ئىگەللىشچە، تۈركىيە ساقچى تەرەپ بۇ ياشلارنى كېچە ئىستانبۇلغا قەدەر سۈرۈپ كەلگەن.
ساقچى تەرەپ قانداق قانۇنى سەۋەب بىلەن بۇ ياشلارنى ئەنقەرەگە كىرگۈزمىگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بەرمىگەن.ئەمما رەسمى ئۇقتۇرۇشتا،كورونا ۋېرۇسدىن مۇداپىئەلىنىش ئۇچۇن دېيىلگەن.
پائالىيەتچى ياشلار سەمىمى، دۇرۇس ،قانۇنغا رىئا قىلىدىغان ياشلار بولۇپ،ئاگېنىتلىقىمىزغا يەتكۇزۇلشىچە، مەقسدى پەقەت ئۇرۇق-تۇققانلىرى مەسىلىسنى تۈركىيەدە كۈنتەرتىپكە ئىلىپ كىلىش ۋە قۇتقۇزۇش ،پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش ئىكەن.
نەق مەيدان تارقىتىلغان ۋىدىئودا، ياشلاردىن باشقا يەنە تۇرك پىروففىسور ئىلياس ئەپەندى، ئۇيغۇر پىروففىسورئابدۇرەشد جەلىل قارلۇقمۇ بار بولۇپ، ساقچىلارنىڭ مۇئامىلىسنى تەنقىد قىلغان.ۋىدىئو نەق مەيدان تارقىتىلغاندىن كىيىن، تۋتتردىكى تۇرك زبياليلىرىنىڭ كۇچلۇك دىققىتىنى تارتتى. تەنقىد قىلغۇچىلار ئوخشمىغان نۇقتىدىن تۈرك ھۆكۇمىتىگە بولغان پىكرىنى بىلدۇردى.
قاتناشقۇچىلارنىڭ بىلدۈرىشچە، ساقچىلار يولنى توسۇپ، پائالىيەتچى ياشلار ماڭغان ماشىنىنى تېپىشقا خىلى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلغان.دەسلەپتە بۇ ياشلار بىرەر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەنمىدۇ؟-دەپ ئويلاپ قالغان.
بۇ ياشلار -ئۆتكەن ئايدا ئىستانبۇل تاكسم مەيدانىدا ھىچقانداق ئاۋاز ۋە شاۋقۇن-سۇرەنسز پائالىيەت قىلغاندا،كېيمى تەتۇر كەيدۇرۇلۇپ قايتۇرۇلغان بولۇپ، ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا بىردەك تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى.
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دىدى :«بۇ خىل تىچ ھەرىكەتلەرنىڭ چەكلىنىشى-ختتاينىڭ تۈركىيەدىكى تەسر كۈچىنىڭ ھەسسلەپ ئاشقانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.تۈركىيەنىڭ ئېقتسادى چېكىنىشى ۋەغەرپ بىلەن مۇناسۋىتىنىڭ يامانلىششى-ختتاي بىلەن مۇناسۋىتىنىڭ يېقىنلىششغا سەۋەب بولماقتا.تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى ۋەزىيتىنى تولۇق چۈشنىدۇ،ئەمما ئۆزىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى مەسلىسىمۇ ناھايتى مۇرەككەپ ۋە قېين ئەھۋالدا تۇرماقتا.تۈركىيە ھەممىدىن ئاۋال ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتينى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ.ئۇيغۇر ياكى باشقا كۆچمەن خەلقلەر نىڭ مەسلىسى -تۇرك دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ ئالى مەنپەئىتى دەپ قارالغان دۆلەت بىخەتەرلىكى، تاشقى سياسەت ۋە ئېقتسادت قاتارلىق مەسللەرگە چوقۇم يول بوشۇتۇشى كىرەك.شۇڭا تۈركيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يتەرلىك ياردەم قىلماسلىقىنى ئويلاشقاندا ئالدى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئاجىزلىقىنىمۇ ئويلىششقا توغرا كىلىدۇ.ئەمما بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ چەكلىنىشى-ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسز،تەشكىلاتلار بۇ ھەرىكەتلەرنى چەكلەيدىغان ئەمەس قوللايدىغان شەكىلدە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ»