ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە
ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 30-يانۋار
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇلنىڭ سافا كۆي رايونىدىكى ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ يىغىن زالى پات- پاتلا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن جانلىنىپ تۇرىدۇ. ئۆتكەن بىر ئايدا بۇ يەردە ئوخشىمىغان گۇرۇپپىدىكى ئاياللارنىڭ ھەر خىل تېمىلاردىكى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى.
ۋەتەندە مائارىپ ساھەسىدە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق نەفىسە خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى «كىتابخۇمار ئانىلار» گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى گۇرۇپپىدىكى خانىملارنىڭ كىتاب ئۇقۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ پسىخىكىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدىكى مەنىلىك يازمىلىرى ۋە ئاياللارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى سىنايدىغان زېھىن سىناش سوئاللىرى، شۇنداقلا كۆپ كىتاب ئوقۇغان ئانىلارنى مۇكاپاتلاش قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. « كىتابخۇمار ئانىلار» گۇرۇپپىسى، ئانىلارنى ئىزچىل كىتاب ئۇقۇشقا يېتەكلەيدىغان گۇرۇپپا بولۇپ، گۇرۇپپا ئەزالىرىدىن ھەر كۈنى ئەڭ ئاز 20 بەت كىتاب ئۇقۇشنى كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقلا ھەر 2 ئايدا بىر قېتىم نەق مەيدان يىغىلىشى قىلىپ، ئوقۇغان كىتابلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ.
1- ئاينىڭ 3- كۈنى « ئاياللار ئاۋازى» پروگراممىسىنىڭ 1- سانى ئۆتكۈزۈلدى. ئاياللارنى سىياسىي جەھەتتە تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان بۇ پروگراممىغا ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 40-50 دەك ئاياللار قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەتتە مۇستەقىللىق يوللىرى ۋە ئاياللارنىڭ مۇستەقىللىق قۇرۇلۇشىدىكى ئورنى ۋە رولى ھەققىدە مۇزاكىرە بولۇندى.
« شەرقىي تۈركىستان يىپەك يولى مەدەنىيەت ۋە ياردەم جەمئىيىتى» نامىدىن 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «مەدەنىيەت سەيناسى» پروگراممىسىمۇ قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مول مەزمۇنلۇق پروگرامما بولۇپ، پائالىيەتتە 6 جۈپ ئانا قىز ئۇيغۇر ئائىلە مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان 5 باسقۇچ بويىچە مۇسابىقىگە چۈشتى ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ نومۇر قۇيۇشى بىلەن ئايرىم -ئايرىم دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلاندى. « مەدەنىيەت سەيناسى» پروگراممىسى ئارقىلىق مۇھاجىرەتتە ئۆسۈپ يېتىلگەن قىزلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىش، ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت ھەققىدىكى ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، پائالىيەت مەزمۇنى بىر قەدەر رەڭدار پروگراممىلارنىڭ بىرى.
ئىستانبۇلدا ياشايدىغان مۇخبىرىمىز ئامىنە ۋايىت / سەدەف خانىم ئۆزى قاتناشقان بۇ خىلدىكى پروگراممىلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئاياللارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشتا چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ كۆپ پەرزەنت ۋە باشقا سەۋەبلەردىن سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيەتنىڭ ئازلىقى، ئائىلە ۋە مەھەللىدىن ئىبارەت تار دائىرىدە، تۇرمۇش بېسىمى، ۋەتەن ھەسرىتى ۋە پەرزەنت غېمىدە نېرۋىسى چارچاپ، پسىخىكىسى بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقان ۋە بۇرۇقتۇملۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشىغا رەڭ ۋە مەنە ئېلىپ كىلدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.