ئىستانبۇلدىكى ئامېرىكا كونسۇلى ئالدىدا نامايىش

بۈگۈن 6-ئاينىڭ 10-كۈنى دۈشەنبە ئستانبۇلدىكى ئامېرىكا كونسۇلى ئالدىدا ئىسمايىل چىڭگىز ئەپەندىم باشلىق بۈيۈك تۈركىستانلىقلار دەرنىكى، مەھمۇد قەشقىرى تەربىيلەش جەمىيتى، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشىدە سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشكەن ئاياللار ۋە بالىلار ئۈچۈن نامايىش ئېلىپ بېرىلىدى.

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-06-10

 

بۈگۈن 6-ئاينىڭ 10-كۈنى دۈشەنبە ئستانبۇلدىكى ئامېرىكا كونسۇلى ئالدىدا ئىسمايىل چىڭگىز ئەپەندىم باشلىق بۈيۈك تۈركىستانلىقلار دەرنىكى، مەھمۇد قەشقىرى تەربىيلەش جەمىيتى، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشىدە سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشكەن ئاياللار ۋە بالىلار ئۈچۈن نامايىش ئېلىپ بېرىلىدى.

 

بىز تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ھەم بۈگۈنكى  نامايىشىقىمۇ ئۆزى بىۋاستە قاتناشقان ئىھساننى تېلفۇن زىيارىتى قىلدۇق.

 

ئىھساننىڭ بىلدۈرشىچە ئىسمايىل چىڭگىز ئەپەندىم ۋە باشقا جەمىئەت ۋە دەرنەك رەھبەرلىرى سۈرىيەدىكى 2000ئەتراپىدىكى بىگۇناھ ئاياللار ۋە مەسۇم باللار ھەققىدە كۆپ ئىزدەنگەن بولۇپ ئاخىرى دىمكوراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى نۇقتىسىدىن ئامېرىكا باشلىق دىمكوراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلى ئالدىدا نامايىش قىلىپ ئۇلارغا سۈرىيەدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى، خىتايغا قايتۇرۇلسا ھاياتى خەۋىپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىنسان ھەقلىرى قانۇنغا ۋە ئىنسانلىققا خىلاپ بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى قارار قىلغان. ھىرا تىل تەربىيلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لوقمانجان ئەپەندىم قاتارلىقلار كېچە كېچىلەپ ئايرىم ئايرىم ھالدا ئۈچ پارچە خەت تەييارلىغان بولۇپ مەزمۇنى ئامېرىكانىڭ ئۆزى كونتۇرۇلۇقىدىكى PKKۋە PYGقاتارلىقلارغا بېسىم چۈشۈرۈپ ئىنسانلىق نۇقتىسىندىن ئۇيغۇر ئايال ئەسىرلەرنى ۋە بالىلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. بۇ ئۈچ پارچە خەت ئامېرىكا پىرزىنتى دونالىد تىرامپقا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ۋە ئامېرىكانىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلىغا ئايرىم ئايرىم يېزىلغان.

بۈگۈن 200نەپەر ئەتراپىدا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىق بۇ نامايىشقا قاتناشقان بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلاربولۇپ، سۈرىيەدىكى ئەسىرگە چۈشكەن بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش مەسۇم ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش مەقسەت قىلىنغان.

 

ئامىركا كونسۇلىنىڭ ئالدىدا تەلەپ ۋە خىتاپلىرىنى ئۇقۇپ ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئىپادىلىگەن ۋە ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلغا تاپشۇرغان، شۇنداقلا باشقا ئىككى پارچە خەت ھاۋالە قىلىنغان.

 

ئاخىردا ئىھسان ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىدىن ناھايىتى خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ۋە رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: ماتەم كەلدى ئويغان ئۇيغۇرۇم

دۈ ئىيۇن 10 , 2019
ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىدىن بىرى، تىز پۈكمەس دىيارىمىز خوتەننىڭ غۇرۇرى، ئەسەرلىرى بىلەن ئەلنىڭ يىغىسىغا يىغلاپ كۈلكىسىگە كۈلگەن يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى 2019-يىلى 6-ئاينىڭ ئىككىنجى كۈنى ‹بەلكىم 3-كۈنى بولۇشىمۇ مۇمكىن› ئائىلىسىگە ئۆلۈك ھالدا تاپشۇرۇپ بېرىلدى

You May Like