ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى نەدە؟» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

7-ئاينىڭ 24-كۈنى چارشەنبە چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇل گراند ماكەل (Grand Makel) مېھمانخانىسىدا «ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇمەجىد

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-07-25

  

7-ئاينىڭ 24-كۈنى چارشەنبە چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇل گراند ماكەل (Grand Makel) مېھمانخانىسىدا «ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

 

 ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇرغا ياردەم گۇرۇپىسى ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان بۇ ئاخبارات يىغىنىغا

 Financial Times

 Al jazeera

 Trt world

Agence France-Press

قاتارلىق مېدىيالارنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە گۇۋاھچىلاردىن بولۇپ 100چە كىشى قاتناشتى.

 

 ئۇيغۇرغا ياردەم گۇرۇپىسىنىڭ مەسئۇلى خالمۇرات ئۇيغۇر بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ ۋەتىنى مۇستەملىكەدە تۇرىۋاتقان مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكتە، خەلقئارادا خىتتاي پۇقراسى دەپ قارىلىدىغانلىقىنى، ئەمما چەتئەلدىكى خىتتاي ئەلچىخانالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتەندىشى ئورنىدا كۆرمەيدىغانلىقىنى، پاسپورت بەرمەيدىغانلىقى ھەم ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بەرمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك گۇۋاھنامە ، ئىسپات قەغەزلىرنى چىقىرىپ بەرمەيدىغانلىقىنى، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا يېتەرلىك ياردەم بەرمەيۋاتقانلىقىنى، مۇساپىرلىقتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ جىددى كىملىك كىرزىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا قانۇن، ئەھدىنامىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئورنىنى تېپىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

 

 ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئەزاسى دوكتور شەۋكەت ناسىر، خالمۇرات ئۇيغۇر مۇخبىرلار ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

 

 ئاخىرىدا گۇۋاھچىلار جازا لاگېرىدا يېتىپ چىققانلار، خىتتايغا قايتۇرۇش قارارى ئېلىنغانلار، بالىسى چەتئەلدە تۇغۇلۇپ كىملىكسىز قالغانلار تۈرى بويىچە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى ۋە گۇۋاھلىق بەردى.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

يەكەن ئېلىشقۇ قەتلىئامى

جۈ ئىيۇل 26 , 2019
خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى "شەرقى تۈركىستان"غا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بىرى "شەرقى تۈركىستان" خەلقىگە توختاۋسىز زۇلۇم قىلىپ كەلدى.

You May Like