ئ‍ستانبۇلدا نارەسدە ئۇيغۇر قىزلىرىغا جىنسى پاراكەندىچىلىك سالغۇچى تۇتۇلدى.

نارەسدە ئۇيغۇر قىزلىرىغا جىنسى پاراكەندىچىلىك سالغۇچى تۇتۇلدى.

ئىستانبۇلنىڭ سەلىم پاشا كەنتىدە ئېچىلغان ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2023-يىلى 16-ئىيۇلدا بىر مەكتەپ خادىمىنىڭ پوخۇرلۇق قىلىشىغا دۇچ كەلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
ئىنىقلىشمىزچە، بۇ پاجىيە خېلى بىر مەزگىل داۋاملاشقان بولۇپ جىنسى خورلۇققا ئۇچرىغان ئۇيغۇر قىزلىرى يېىشى كىچىك ، 5 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان قىزلارنىڭ سانى يەتتە دېيىلمەكتە.
پاجىيە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ۋىجدانلىق پىدايىلار ھەرىكەتكە ئۆتكەن.2023-يىلى 14-ئىيول كېچىدە ئۇيغۇر پىدايىلار ئەخمەت قادىرنى ياۋرۇپاغا قېچىشقا تەييارلىنىۋاتقان يېرىدىن تۇتۇپ، سەلىم پاشاغا ئېلىپ كەلدى.
ساقچىلار ئۇنى سەلىم پاشادىكى راھەت قورۇسىغا باغلاقلىق يېرىدىن تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە ئېلىپ كەتتى. ئەخمەت قادىر سەلىم پاشادا ئېچىلغان ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئۇزۇن ئىشلىگەن، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە توشۇغان، مەكتەپنىڭ خوجىلىق ئىشلىرىنى قىلغان، بۇ جەرياندا خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ
قۇرئان ئوقۇۋاتقان نارەسىدە ئۇيغۇر قىزلارغا پوخۇرلۇق قىلغان.
توردا ئىلان قىلغان ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلنىشچە، 56 ياشلىق ئەخمەت قادىر كىچىك قىزلارنىڭ بەدەنلىرىنى سيلىغان، سۆيگەن.باشقا ئەھۋاللار تېخىمۇ تەپسلى تەكشۈرۈلمەكتە.
بۇ ۋەقە پوخۇرلۇققا ئۇچىرىغان بىر قىزنىڭ ئاتا-ئاناسىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشى بىلەن پاجىيە ئاشكارىلانغان ئىدى.
بۇ ساقچىلار بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاش باسقۇچىدا ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا سۆزلىگەن تۈركىيەدىن ئۇچ كىشدىن ئىگەللىشچە، بۇ ئىش بەك نازۇك بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا بىگۇناھ نارەسدە قىزلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە روھى ھالىتىگە ھەتتا پۇتۇن ھاياتىغا ئۇنتۇلماس داغ چۇشۇرۇپلا قالماي، ئاتا-ئانىلارنىڭ غورۇرى ۋە ئىجتىمائى ئىززىتىگىمۇ ئىغىر زەربە ئىكەن.
شۇنداقلا بۇنداق ئىش بۇرۇنمۇ يۇز بەرگەن بولۇپ، بەزى دىنى ئۇستازلار «بۇنى يايساق، دىنىمىزنىڭ يۇزىگە داغ چۇشىدۇ،ئۇستازلارنىڭ ھۇرمىتى قالمايدۇ »دەپ خەلقنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغان ئىكەن.
بۇ ئىش شۇنداقلا ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا دۇچ كىلىۋاتقاندا ،ۋەتەندە ختتايلار ئۇيغۇرلارنى ختتايلارغا توي قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقاندا، لاگىرلاردا باسقۇنچلىق ۋەقەلىرى يۇز بىرىۋاتقاندا، ئۇيغۇرلار دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئۆز قسمەتلىرىنى كۇچەپ ئاڭلىتىۋاتقاندا يۇز بەرگەن بولۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئىشەنچى ۋە خەلقئارا ئوبرازى ئۇچۇنمۇ ئىغىر زەربە ئىكەن.
بۇ ھەقتە گوللاندىيەدىن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرىھىمجان غىنى مەخسۇس تەنقىد ماقالىسى ئىلان قىلدى.ئۇيغۇر زىيالىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئىز قوغلاپ تەكشۇردى.
لوندۇندىن ئۇيغۇر زىيالىسى ئەزىز ئىسا ئەلكۇن مۇنداق دىدى:بۇ ھايۋانغا ئۆلۈممۇ ئازلىق قىلىدۇ.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى جامائەت نارازىلىق بىلدۇردى
بىز بۇ جىنايەتنى ئاشكارىلىغان قەيسەر ۋە ئىمانلىق ئاتا-ئانىلارغا رەھمەت ئىيتىمىز.سلەرنىڭ ئىمانىڭلار ۋە جاسارىتىڭلار بىلەن يەنە يۈزلىگەن سەبى نارەسدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ قەبىھ قىلمشلارنىڭ قۇربانى بولۇشتىن ساقلاپ قالدىڭلار

Uyghur Reporter

Next Post

ئوبزور:ئۇيغۇر دىياسفوراسى ئۆزىنى قاتتىق سىلكىشى كىرەك:

دۈ ئىيۇل 17 , 2023
ئۇيغۇر دىياسفوراسى ئۆزىنى قاتتىق سىلكىشى كىرەك:

You May Like