ئىران تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ سابىق مۇشاۋۇرى كورۇنا ۋىرۇسى تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتتى

شۇ جاي ۋاختى پەيشەنبە كەچ ئىران تاراتقۇلىرى ئاشكارىلىغان خەۋەردە ، ئىران تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جاۋاد زەرىفنىڭ سابىق مۇشاۋۇرى شەيخۇل ئىسلام ھۈسەيىن كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن .

،

 

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

سايرام ئوغلانى

 

2020.3.5

 

شۇ جاي ۋاختى پەيشەنبە كەچ ئىران تاراتقۇلىرى ئاشكارىلىغان خەۋەردە ، ئىران تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جاۋاد زەرىفنىڭ سابىق مۇشاۋۇرى شەيخۇل ئىسلام ھۈسەيىن كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن .

 

ھۈسەيىن 1952 – يىلى ئىسپاھاندا تۇغۇلغان كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق سىياسىيون بولۇپ ، ئىلگىرى ئىران ئىسلام پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغاندىن باشقا يەنە ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى باش ئەلچىسى بولغان . ئۇندىن باشقا ئۇ جاۋاد زەرىفنىڭ مۇشاۋۇرى بولغاندىن سىرت ، يېقىنقى مەزگىلگىچە خەلقئارالىق ئىسلام مەزھەپلىرىنى يېقىنلاشتۇرۇش ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .

 

تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى ، ھۈسەيىن 1979 – يىلى تېھراندىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىغا بۆسۈپ كىرىپ ، نۇرغۇن ئامېرىكا پۇقراسىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان ئاۋانگارت ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن .

 

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىران سەھىيە تەرەپنىڭ تەشۋىقات مۇدىرى كىيانۇش جاھانپۇر ، كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانىنىڭ 107 كىشىگە ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 3513 كىشىگە ، ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭغانلارنىڭ 739 كىشىگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

 

جاھانپۇر يەنە ، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدىلا يېڭى بايقالغان بىمارلارنىڭ 591 كىشىگە يەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان . ئۇندىن سىرت ئۇ ھازىرغىچە كورۇنا ۋىرۇسىنى بايقاش ئۈچۈن تېزدىن تەييارلاپ چىققان ئورۇننىڭ 25 ئورۇنغا يەتكەنلىكىنى ، ئىران خەلقىنىڭ ئىمكان بار ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ، كېسەلنىڭ يەنىمۇ يامراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىرغان.

 

مەنبە : RT ( رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇسى )+ ئىران تاراتقۇسى .

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ 4- مارت كۈنىدىكى پائالىيەتلىرى

پە مارت 5 , 2020
ۋۇخەن ۋىروسىنىڭ تەسىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپتىن قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر قايسى كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىللىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكتىۋىتىسلەر خىلمۇ خىل ئۇسۇلدا پائالىيەتلىرنى داۋام قىلماقتا. 43- نۆۋەلىك "خىتايدا كىشىلىك ھۇقۇق ئەركىنلىكى" تىمىسىدىكى يىغىن، 3- ئاينىڭ 4- كۈنى جەنۋەدە ئېچىلدى.

You May Like