ئىران ئ‍سرائىلىيەگە 300 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان

ئىران ئ‍سرائىلىيەگە 300 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان، سان جەھەتتە رىكورت ياراتقان، سەئۇدى ئەرەبستان ۋە ئىئوردانىيە ئ‍سرائىلىيەنى قوللىدى.

13-ئاپرىل ئىران مۇھاپىزەتچى ئارميسى قساس نامىدىن ئ‍سرائىلىيەگە قارشى ئىلىپ بارغان ھەربى ھەرىكىتىدە 300 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە دىرون ئاتقان، 100 دىن ئارتۇق ئوق بېشلىق بومبا، 30 دىن ئارتۇق قوغلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان بولۇپ، بۇ تارىختىكى بىر كۈن ئىچىدە ئىلىپ بىرىلغان ئەڭ زور باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇرۇشى بولۇپ قالغان.

ئ‍سرائىلىيە ئارميسى -ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، سەئۇدى ئەرەبستان، ئىئوردانيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ھاۋا مۇداپىئە سستمىسى ئارقىلىق 99 % دىن كۆپرەك مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ قالغان.

سودا ھەپتىلىكىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، سەئۇدى ئەرەبستان يەنە ئ‍سرائىلىيەگە ئىران ھەققىدە ئالاقىدار ئ‍ستىخبارات تەمىنلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئ‍سرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى بۈگۈن يەنە « سەئۇدى ئەرەبستان-ئىران خاماسنى كۈشكۈرتۈپ، ئىسرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبستاننىڭ يارىشپ قىلىشنى توسۇش ئۈچۈن 7-ئۆكتەبىر ئۇرۇش ئويۇنىنى ئوينىدى دەپ ئەيىپلىدى. » دەپ خەۋەر قىلدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي خاككىرلىرى ئامېرىكىغا زور كۆلەملىك تور ھۇجۇمى قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا

چا ئاپرېل 17 , 2024
ئ‍امېرىكا فېدراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارسى باشلىقى كىرىس راي ( Christopher Wray )مۇنداق دىگەن: ختاي ھۆكۈمىتىگە چتېشلىق ( Volt Typhoon)ئىسملىق خاككىرلىق گۇرۇھى ئامېرىكىنىڭ يادرولۇق ئاساسى مۇئەسسە قۇرۇلۇشلىرىغا بۆسۈپ كىردى، ئۇلار ئامېرىكىغا غايەت زور كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىنى ساقلاۋاتىدۇ.ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئېنىرگىيە، سۇ ، تىلگىراف-ئالاقە قاتارلىق ساھەلىرىگە سېڭىپ كىرىپ بولغان بولۇپ، 23 تۇربا يولىنىڭ […]
كىرىس راي

You May Like