ئىندىئانا ئۇنېۋېرستىتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگىرلارغا قامىلىشى ھەققىدە مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلدى!
ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى،2018-يىلى 19-ئۆكتەبىر
2018-يىلى 19-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كىين ئىندىئاننا ئۇنېۋرستىتى ئوتتۇرا ئاسيا تەتقىقات مەركىزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ لاگىرلارغا قامىلىشى تېمىسىدا مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۇزۇلگەن.
مەزكۇر مۇھاكىمە يېغىنى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاساسى ۋەزىيەتنى ئۇنېۋرسال ئارقا كۆرۇنۇش ۋە ئىلمى چۇشەنچىلەر بىلەن يورۇتۇپ بىرىشى ،پائالىيەتچىلەرنىڭ كونكىرىت مېساللار بىلەن چۇشەندۇرۇشى ۋە بىر گۇۋاھچىنىڭ نەق مەيداندا گۇۋاھلىق بىرىشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلىپ بىرىلدى .
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسگە ۋاكالىتەن ئىلشات ھەسەن سۆز قىلىپ ، ختتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىلىپ بىرىۋاتقان زىيانكەشلىكىنىڭ كەڭ دائىرىلىك بولۇۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى ، قولغا ئىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلار، كۆزگە كۆرۇنگەن شەخسلەرنى تەپسلى تونۇشتۇردى .
ئىندئانا ئۇنۋرسستىدىن تىم گىروس ختتاينىڭ سياسىتىنىڭ ئۆزگىرىش ئارقا كۆرۇنۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا كونكىرىت ئىپادىلىنىشنى تەپسلى تونۇشتۇردى.
ۋاشنگىتون ئۇنېۋېرستىتى دوكتۇر تەتقىقاتچىسى،ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى داررىن بايلىر ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان رىئاللىقنى ئۆزى بىۋاستە تەتقىق قىلغان ،تونۇشقان ئۇيغۇلار يولۇققان تەقدىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەردى.
روشەن ئابباس خانىم ختتاي سياستىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا كۆرستىۋاتقان تەسرىنى تونۇشتۇردى ،ئۆزىنىڭ ھاممىسى ۋە ھەدسنىڭ يېقىندا ئۆزى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى،ئۇلارنىڭ ھىچقانداق رادىكاللىق ياكى ختاي ئاتاپ كىلىۋاتقان جىنايەتلەر بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى مسال قىلىپ،ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى تەلتۆكۇس يوقتىشنى نشان قىلغانلىقىنى تەسرلىك مەزمۇنلار بىلەن بايان قىلدى،ئۇ يەنە ۋاشنگىتوندىن بىللە كەلگەن فىرقەت جەۋدەتنى گۇۋاھچى سۈپىتىدە سۆزگە تەكلىپ قىلدى .فىرقەت ئۆز ھىكايسنى جانلىق سۆزلەپ ،ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۇرىكىنى ئەزدى .ئۇ سۆزلەۋاتقاندا ئاڭلىغۇچىلار كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
يېغىننى ئۇيغۇر ئاكادېميسى ئامېرىكا شۆبىسى قوللىغۇچى ئورۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادىميىسى پەخرى رەئىسى رىشات ئابباس سياسەت تەتقىقاتچىسى ،ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى پىروففىسور گودنىر بوۋىڭدۇنغا ئۇيغۇر دوپپىسنى تەقدىم قىلدى.
پائالىيەتنىڭ روياپقا چېقىشىدا ئىندئانا ئۇنېۋرستىتى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى مۇھىم ھەسسە قوشقان بولۇپ،تىلشۇناسلىق كەسپىدىكى تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى مۇستاپا ئاقسۇ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىلىشدا كۈچ چىقاردى.
مۇھاكىمە يېغىنىغا ئىندئاننا ئۇنۋرستىتدىكى مەزكۇر تېمىغا قىزىزىقىدىغان كىشلەر،ئىندىئاننا ئەتراپىدا تۇرىدىغان ئۇيغۇر ئاممىسى،ۋاشنگىتون ئالاھىدە رايونىدىن كەلگەن مىھمانلار بولۇپ،تەخمىنەن يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى.