فىرانسىيە مالىيە مىنىستىرى: يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولار رۇسىيە ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 01-مارت
ئارمان
فىرانسىيە مالىيە مىنىستىرى Bruno Le Maire سەيشەنبە كۈنى فىرانسىيە France Info قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: « بىز رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىشىمىز مۇمكىن. نۆۋەتتىكى مالىيە-ئىقتىساد جەھەتتىكى ھوقۇق تەڭپۇڭلۇقى پۈتۈنلەي ياۋروپا ئۈچۈن پايدىلىق بولغان بىر شارائىتتا تۇرماقتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى قايتۇرۇپ ئەكەلمەكتە. بىز رۇسىيەگە قارشى كەڭ دائىرىلىك ئىقتىسادىي ۋە مالىيە ئۇرۇشىنى باشلىۋەتتۇق.»
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈنۈگۈندىن باشلاپ رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرەپدارلىقىدىكى سودا ماگناتلىرىغا قارىتا چەكلەش قارارلىرىنى ئالغاندىن سىرت، پۇتىننىڭ يېقىنلىرىدىن: رۇسىيە نېفىت ماگناتى Rosneft شىركىتىنىڭ لېدىرى Igor Sechin، نېفىت يۆتكەش شىركىتى Transneft نىڭ لېدىرى Gennady Timchenko قاتارلىقلارنىمۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.
فىرانسىيە مالىيە مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھېساباتى توڭلىتىلغان رۇسىيە مەبلىغى 1 تىرىليون دوللارغا يېتىدىكەن. بۇ سەۋەب تۈپەيلى رۇسىيە مەركىزى بانكىسى تۈنۈگۈن قەرز ئۆسۈمىنى 20% كۆتۈرگەن.( بۇنداق ئەھۋالدا كارخانىلار پەقەت يۇقىرى ئۆسۈم بىلەنلا بانكىدىن قەرز ئالالايدىكەن). ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە فىرانسىيەدىكى TotalEnergies ۋەEngie قاتارلىق ئىككى چوڭ ئېنېرگىيە شىركەتلىرىمۇ رۇسىيەدىكى پۇتىنغا مايىل شىركەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپادىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان ئېنېرگىيە شىركەتلىرىدىن Shell بىلەن BP قاتارلىقلا ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيەدىن پۈتۈنلەي چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان.