ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە بايانات

ئاۋال ھەممىڭلارغا تەن ساقلىق ۋە ئامانلىق تىلەيمەن. سىلەرنىڭمۇ خەۋىرىڭلار بولغىنىدەك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىداكار قەھرىمانى، ئەزىمىتى پروفېسسور ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋرۇپالىق بىر نەچچە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىدىغان دوستلارنىڭ قوللىشى بىلەن، بۈگۈندىن 4 يىل بۇرۇن «ئىلھام توختى ھەركەت گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ چىققان ئىدىم.

2020.4.28

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز يۇرتداشلار!

 


ئاۋال ھەممىڭلارغا تەن ساقلىق ۋە ئامانلىق تىلەيمەن. سىلەرنىڭمۇ خەۋىرىڭلار بولغىنىدەك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىداكار قەھرىمانى، ئەزىمىتى پروفېسسور ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋرۇپالىق بىر نەچچە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىدىغان دوستلارنىڭ قوللىشى بىلەن، بۈگۈندىن 4 يىل بۇرۇن «ئىلھام توختى ھەركەت گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ چىققان ئىدىم.

 

ئۆتكەن 4 يىل مابەينىدە، ئىچكى قارشىلىقلارغا ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەستىن، ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمىز نەتىجىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەۋرىمىزدىكى ۋىجدانى بولغان ئىلھام مۇئەللىم بىر نەچچە خەلقئارالىق مۇھىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ مۇكاپاتلار شۇنداقلا، ئىستىبدات خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى پاش قىلىشقا ۋە خەلقىمىزنىڭ ھەقلىق ھوقۇق داۋاسىنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەردە تېخىمۇ كەڭ ھېسداشلىققا سازاۋەر بولۇشىغا ھەسسە قوشتى!

 

بۇ جەرياندا كۆپلىگەن زىيالىلىرىمىز، ئىلھام توختىنىڭ كەسپداشلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، مۇئەللىمنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقى ئۇچۇن ئېلىپ بارغان كۈرەش يوللىرىنى خەلقىمىزگە، بولۇپمۇ كەلگۈسىمىزنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان ياش ئەۋلادلىرىمىزغا ياخشىراق تونۇشتۇرۇش تەشەببۇس ۋە تەلەپلىرىگە جاۋابەن، ئىلھام توختى ھەركەت گۇرۇپپىسى ئۆز نامىنى  ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى دەپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدۇق. 

 

بىز ئىلھام توختى ھەرىكتى نامى ئاستىدا بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بارغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىمىزدە ئىلھام مۇئەللىم ئۆزىنىڭ بارلىقىنى، سۆيۈملۈك ئائىلىسىنى، ھاياتىنى پىدا قىلىپ، نېمە ئۇچۇن خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىنداندا ئۆمۈرلۈك قامىلىپ يېتىشتەك خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغانلىقىدەك جاسارىتىنى چۈشىنىش، خەلقىمىزگە ۋە دۇنياغا چۈشەندۈرۈش يوللىرىدا ھەركەت قىلىپ كەلدى.  

 

ئىلھام توختىنىڭ بىزگە يېزىپ قالدۇرغان قىممەتلىك يازما ئەسرلىرىدىن خەلقى ئۇچۇن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نىمىلەرنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، پىكىر-تەكلىپلىرىنىڭ 21- ئەسىردە خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى – قىسمەتلىرى نۇقتىسىدىن ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى يورۇتۇشقا تىرىشتۇق ۋە مۇندىن كېيىن تېخىمۇ كوپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىمىز. بىز بۇ ساھەلەردە تۈرلۈك تىللاردا كىتابلارنى نەشر قىلىش، خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈش، ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ, ئىلھام توختىنىڭ باسقان كۈرەش يوللىرى ۋە ئۇنىڭ مەپكۈرىسىنى ياش ئەۋلادلارغا تونۇشتۇرۇشقا بارلىق كۇچ ۋە ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن ھەركەت قىلىمىز. 

 

بىز ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى نامىدىن خەلقىمىزنىڭ – بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزنى قوللىشىنى، بىزگە ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىي تەلەپ ۋە تەكلىپلىرىنى بېرىپ تۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقلىق ھوقۇق داۋاسىنى خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ جانلىق ئېلىپ بېرىشقا، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى، دىموكىراتىيەنى ھىمايە قىلىدىغان دۇنيا ئەللىرى ۋە خەلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ۋە بۇ ئارقىلىق ھەر تۈرلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن پائال ھەركەت ئېلىپ بېرىدۇ.

 

ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى ھەر ساھەلەردىكى يېتىشكەن پىدائىي ۋە خالىس خىزمەتكارلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ئاۋانگارت قوشۇن بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئۆزلىرىنىڭ پىداكارانە ئەمەلىي خىزمەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىلىك كۆرۈىشى ئۇچۇن خالىس خىزمەت قىلىدۇ.

 

بىزنىڭ بۇ خىزمەتلىرىمىز بەدىلىگە، ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىنغان، زۇلۇم-ئىستەملەر ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقىمىز كېلەچەكىنىڭ ئىستىقبالى ئۇچۇن، مۇنقەرىزدىكى ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرى ئۇچۇن، باسقان ھەر بىر قەدەملىرىمىزنىڭ خەيىرلىك بولۇشىنى، بولۇپمۇ ئىلھام توختىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى چىن يۈركىمىزدىن تىلەيمىز. 

 

مەن ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى نامىدىن مەزكۇر باياناتىمىز ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر ئەللىرىدىكى ئىقتىدارلىق ياشلىرىمىزنى بىزنىڭ بۇ سېپىمىزگە قوشۇلۇشقا، بىز بىلەن تەڭ قولنى-قول تۇتۇشۇپ، زۇلۇم ئاستىدىكى خەلقىمىزنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى قوغداش ئۇچۇن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمەن. 

 

ھەممىڭلەرگە تەن ساقلىق ۋە ئامان -ئېسەنلىك تىلەپ، ھۆرمەت بىلەن،

 

ئەنۋەرجان، 28 ئاپرىل 2020،  گېرمانىيە

 

ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى

 

www.ilhamtohtiinstitute.org

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

«ئۇيغۇرنى ئاڭلا»ھەرىكىتى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلدى

سە ئاپرېل 28 , 2020
ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئارسلان ھىدايەت تەشەببۇس قىلغان، ئابدۇغەنى سابىت،خالمۇرات ئۇيغۇر قاتارلىق 20 گە يېقىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان «ئۇيغۇرنى ئاڭلا» ئىجتىمائى تاراتقۇ ھەرىكىتى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلدى. يىللاردىن بېرى،ئارسلان ھىدايەت ئىجتىمائى تاراتقۇسدا مۇنداق دېگەن: خەلقئارا تاراتقۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان بولسمۇ، يېتەرلىك ھەرىكەتكە ئۆتكىنى يوق، ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى خەلقئاراغا ئۆزگىچە ئاڭلىتىش كېرەك. بۇ ئىجتىمائى تاراتقۇ ھەرىكىتى ئاۋازسز شەكىلدە، ئىشارەت ۋە سۆرەتلەر ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان.

You May Like