تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان -2018-يىلى 10-ماي
تۇنۇگۇن كەچ شۇنچە ھارغىنلىق بىلەن ئۇخلىغانىدىم،بۇگۇن بامدات ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشۈم بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم.چۇشۇمدە بىر ئىككى مۇھىم نۇقتا بار،شۇڭا بۇ چۇش بولسمۇ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،بۇ ئىلھامكامنىڭ ھاياتى بىلەن ئالاقىدار،مەن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلھامكامنىڭ نۆۋەتتكى تەقدىرىگە كۆڭۇل بۆلۇشىنى ،خەلقئارا ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ھەققىدە ختتاي ھۆكۇمىتىگە ئورتاق بېسم چۇشۇرۇشنى سورايمەن .
ئۆزۇمنىڭ تۇرىدىغان يېرى ئامېرىكىدا دەپ بىلىدىكەنمەن،يېنىمدا بىر دوستۇم بار،بۇ دوستۇمنىڭ كىملىكى باشتا ماڭا ئېنىق ئەمەس،ئەمما قانداق باردۇق بىلمەيمەن،چىگىرىدىن كىرىپتۇق،تۇنجى بولۇپ بارغان يىرىمىز ئىلھام مۇئەللىمنىڭ تۇرالغۇسى ئىكەن،چىگرىدىن كىرگەندىن كىينكى تۇنجى شەھەر ئۇيغۇر شەھىرى دەپ بىلدىم،تۇرالغۇ ناھايتى كەڭ كەتكەن،چوڭ دەرۋازىدىن كىردىممۇ ،ئۇدۇل يولدىن كىردىممۇ ئەيتاۋۇر ئىنىق ئەمەس،ئەمما تەۋەلىكىگە كىرگەندىن كىينلا دەل-دەرەخلىق،باغ-ۋارانلىق بىر كەڭ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتىكى ئۆي ،غايەت ئۇزۇن بىر پشايۋان كۆرۇنىدۇ،ئەتراپتىكى ئۆي بىلەن ئارلىقى خىلى يىراق،ئۇدۇل تەرەپتە ناھايتى ئىگىز تامنىڭ يېنىدا ئىلھام مۇئەللىم بىلەن جەۋھەرنى كۆردۇم، ئىلھام مۇئەللىم تامغا يېقىن بىر يەردە تامغا يۆلىنىپ تۇرۇپ يۇزىنى يۇيۇۋىتىپتۇ.مەن يىراقتىن قىزىل كۆينەك كىيۋالغان ،ھازىرقى ھالىتى بىلەن ئەينەن جەۋھەرنىڭ دادىسنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم،يېقىنلاشقاندا ،ئۇنىڭ تاھارەت ئىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم،مۇئەللىم مەن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرالمىدى،تۇرالماي يېقىلىپ كىتەي دىۋىدى،جەۋھەر قولىنى تۇتۇۋالدى،مەن دەرھاللا ئېڭىشپپ ئولتۇردۇم،ئەمما مۇئەللىم ئورنىدىن تۇرۇپ بولغاچقا مەن قايتا ئورنۇمدىن تۇراي دەپ كۇچىدىم،ئەمما بەك كۇچەيمۇ ئورنۇمدىن تۇرالماي ئارقامغا يېقىلىپ كەتتىم،مۇئەللىم ناھايتى چوڭقۇر ھسداشلىق بىلەن:ياش تۇرۇپ ئاجىزلاپ كەتتىڭىز ،دە دىدى،ئارىدا باشقا سالام-سائەت بولدى،يېنىمدىكى دوستۇمنى تونۇشتۇرغىنىم ئېسمدە ،-بۇياق سزگە ئاتالغان تور بېكەتنى ياسغۇچى بولىدۇ،دىۋىدىم،ئىلھامكام: بۇ ئۇكامنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان دىدى،قولۇمدىكى قارا سومكىدىكى ئىلھامكامغا ئالغان سوۋغاتلارنى جەۋھەر ياندىكى بىر كىچىك ئورۇندۇققا قويۇپ قويدى.سوۋغاتلار كىتاپ ۋە يەنە بىر ئىغىراق نەرسە بولسا كىرەك دەپ ئويلىدىم،ئەمما يېمەكلىك ۋە كىيم-كىچەك ئەمەسلىكى ئېنىق.
ئارقىدىن ئىلھامكام ئشارەت قىلدى،قارىغاندا ئۇ ئائىلە رىجىمىدە بولسا كىرەك دىدىم ،ئارقىغا چېكىنپ ھىلىراق كۆرۇشەيلى دەپ چېقىپ كەتتۇق،
چېقىپ كەتكەندىن كىين نەگە باردىم ،نىمە ئش قىلدىم ئېسمدە يوق،ئالاھەزەل بىر ۋاقتلاردىن كىين قايتا كەلدىم،مۇئەللىم پشايۋان ئاستىدا بورا ئۇستىگە سىلىنغان كىچىك گىلەم جاينامازنى سلىپ،ئەسر نامىزىغا تۇرۇپتۇ، مەن سەجدىسگە ئۈلگۈرۈپتىمەن،نامازدىن پارىغ بولۇپ،مۇئەللىم قولىنى يۈزىگە كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى،ئىككىمىز ئورنىمىزدىن تەڭ تۇرالىدۇق،ئۇ ناھايتى چوڭقۇر مىھىر-مۇھەببەت بىلەن كۇچەپ تۇرۇپ قۇچاقلىدى،ئۇ مەندىن سىمىز ئىدى،ئوزايىدىن نۇرغۇن دەيدىغان سۆزلىرى باردەك قىلاتتى ،ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەك باشقىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئشلىرىغا كۆڭۇل بۆلىدىغان،ياردەم بىرىدىغان ئادىتى بىلەن ئەھۋال سورىدى،شەخسى ھايات ھەققىدە بىر ئاز پاراڭلاشقىنىمىز ئېسمدە ،ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەك قەتئى جىددى ئەمەس،ناھايتى تەمكىن،چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ،ئەمما تەبەسسۇم بىلەن ئۇزۇندىن ئۇزۇن شەخسى پاراڭلارنى قىلدى،ئۇ سۆزىدە مەن يوق چاغلاردا مىنىڭ مەرھۇم دادام بىلەن كۆرۇشۇپ پاراڭلاشقانلىقىنى،يېقىن دوست بولۇپ قالغانلىقىنى دىدى، :دادىڭىز بەك ئاق كۆڭۇل ۋە ئەخلاقلىق ئادەم ئىكەن،قارىغاندا ،بىزنىڭ ئاتۇشلۇقلاردىكى نەسەپ ۋە ئۇرۇق ھەققىدىكى قاراشلار توغرا بولسا كىرەك … بىز يەنە نۇرغۇن پاراڭلارنى قىلشتۇق،ئۇنىڭ ئۆلۇپ كەتكەن دادام بىلەن دوست بولغانلىقىنى ئاڭلاپ زىھنىم بۆلۈنۈپ كەتتى،چۇنكى بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن دەيتتىم ئىچىمدە،ئىككىمىز يەنە ئۆتمۇشنى ئەسلىگەندىن باشقا ،تۈركىيەدىكى ئورتاق بىر بۇرادىرىمىزنى ئەسلىگەندىن باشقا گەپلەر يادىمدا قالماپتۇ،ئۇ مىنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى،ئۆيدە خانىمى ۋە يەنە ئۇچ كىچىك بالا ئويناۋاتاتتى..مەن ئتتىك كىرىپ بولۇپ ئايىغىمنى سىلىشنى ئۇنتۇغانلىقىمنى بىلدىم،چېكىنىپ چېقىپ ئايىغىمنى سىلىۋتىپ قايتا كىردىم…..
چەكسز قۇدرەتلىك ۋە مھىرى-مۇھەببەتلىك ياراتقۇچىمىزدىن ئۇستازىمىز ۋە يىتەكچىمىز ئىلھام توختى مۇئەللىمنىڭ تېنىنى سالامەت قىلغايسەن! ئامىن!