ھۆججەتلەر خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى مەخپىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى كۆرسىتىدۇ

‎ئالاھىدە: ھۆججەتلەردە خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى مەخپىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپى كۆرسىتىلدى

AXIOS تورى

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020.يىلى 20.ماي

 

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇسالام ئۇيغۇر ۋولقانىي

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2020-05-20

 

‎ئالاھىدە: ھۆججەتلەردە خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى مەخپىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپى كۆرسىتىلدى

 

 ئاكسىيوس ، باستۇرۇشنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان مەزگىلىدە شىنجاڭدىن قاچقان بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتكەن تەلىپىنى قولغا چۈشۈردى.

 

نېمە ئۈچۈن مۇھىم : خىتاي سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بۇيان بېيجىڭنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە ئۇلارنى سوراق قىلىش ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشقا  بېسىم قىلىۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلىپ كەلدى.  

 

2016 ۋە 2017.يىللىرىدىكى بۇ ھۆججەتلەر-  تۈركىيەنىڭ ئۇ كىشىگە قىلغان مۇئامىلىسى بىلەن بىرلىكتە – بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە  كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان ئىسپاتلارنى تەمىنلەيدۇ.  

 

“مەن كېچىنىڭ كۆپ قىسمىنى قورقۇنچ ئىچىدە ئۆتكۈزىمەن. مەن ئادەتتە سەھەر سائەت 1 دىن ئاشقۇچە ئۇخلىمايمەن ، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ مەن ۋە ئائىلەم ئۈچۈن كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. “ 

 

        — ئەنۋەر تۇردى ، Axios بىلەن بولغان بىر مۇلاقەتتە 

 

تەپسىلاتلار: ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىدە ئىسمى ئاتالغان ئەنۋەر تۇردى 2014-يىلىنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى 10 مىليون ئەتراپىدىكى بىر تۈركىي تىللىق ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى شىنجاڭدىن قاچقاندىن بۇيان تۈركىيەدە ياشىدى .

 

ئەنۋەر تۇردىنىڭ بىر زىيارەتتە Axios قا ئېيتىشىچە، 2012 ۋە 2013.يىللىرى ئەنۋەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خورلاش قىلمىشلىرىنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا يەتكۈزگەن. ئۇنىڭ بىر ھەمراھى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ، ئۇ ساياھەت ۋىزىسى بىلەن خىتايدىن ئايرىلغان . 

 

ئەنۋەر 2015. يىلى خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۇنىڭغا يېڭى پاسپورت بېرىشنى رەت قىلغان، پاسپورتى بولمىغاچقا ئۇ تۈركىيە ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتىنى  ئۇزارتالمىغان. 2017.يىلى ئىناۋەتلىك ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتى بېجىرەلمىگەنلىكى ۋەجىدىن چېگرادىن چىقىرىش لاگېرىدا 12 ئاي قامالغان . 

 

 

تۈركىيە بىخەتەرلىك خادىملىرى كېيىن ئۇنى سوراق قىلغان ۋە ئۇنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» تەرەپدارى بولغان توربېكەتنى باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ بۇنى رەت قىلغان  ۋە ئۇنىڭغا 2004-يىلدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش سۈرىتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى كۆرسەتكەن ، ئەنۋەرنىڭ دېيىشىچە ئۇلار رەسىمگە پەقەت خىتاي ئارقىلىق ئېرىشەلەيدىكەن.  ئۇنىڭ دېلوسى كۆچمەنلەر سوت مەھكىمىسىگە ئەمەس ، جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەۋەتىلگەن .

 

ئەنۋەرنىڭ دېلوسى ھېلىھەم تۈركىيەنىڭ سوت مەھكىمىسىدە ساقلىنىۋاتىدۇ. 

 

‎ئارقا كۆرۈنۈش: خىتاي كومپارتىيىسى خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاتتىق چەكلىمە قويدى.

 

2017-يىلىنىڭ بېشىدا ، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرنى كەڭ كۆلەملىك قانۇنسىز  تۇتقۇن قىلىش لاگېرلىرىغا قاماشقا باشلىدى ، ئۇيەردىكى مەھبۇسلار ناچار شارائىتتا قامىلىپ ، قايتا تەربىيىلەش سىنىپىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلاندى .  يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئادىل سوتلانماستىن ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

 

خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى تەدبىرلىرىنىڭ تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، ئەمما ئاكادېمىكلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان مىسلىسىز مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

ھۆججەتلەر: 92 بەتلىك بۇ ھۆججەت خىتاي  ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلى ماي ئېيىدىكى ساقچىلارنىڭ دوكلاتىنى قوللايدىغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن تۈركچە تەرجىمىلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ 2017 دىن بۇيانقى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ، ئۈشبۇ تەلەپنىڭ تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى ۋە سوت رەسمىيەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 

 

ئەنۋەرنىڭ ئادۋوكاتى بۇ ھۆججەتنى 2020-يىلىنىڭ بېشىدا قولغا چۈشۈرگەن ، ئەنۋەرنىڭ دېيىشىچە بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم  تۈركىيەدىكى ئاۋارىچىلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىقىنى جەزملەشتۈرۈشى ئىدى.

 

بۇ ھۆججەتلەرنى دەلىللەش ئۈچۈن ، ئاكسىيوس خىتاي ۋە تۈركىيە قانۇنى مۇتەخەسسىسلىرى ، تۈركىيە ۋە خىتايدىكى دېلولار ئۈستىدە ئىشلەيدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان تەتقىقاتچىلار بىلەن مەسلىھەتلەشتى.

 

ئۇلارنىڭ دەۋاتقانلىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنۋەرنى «ئىسلام دۆلىتى» نى قوللايدىغان تور بېكەت قۇرۇپ ، تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقان دەپ ئەيىبلىدى.  ئەنۋەر  بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

 

بېيجىڭ تۈركىيە دائىرىلىرىدىن ئەنۋەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى تېپىشنى ، مال-مۈلكىنى تۇتۇپ قېلىش ياكى توڭلىتىشنى ، ئۇنى قولغا ئېلىشنى ۋە «ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇش» نى تەلەپ قىلدى.

 

بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئۆزى رەسمىي تۈرگە ئايرىلمىغان ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە ئەمەلدارلىرىغا بۇ دېلونى مەخپىي تۇتۇشنى بۇيرۇغان ۋە ھۆجەتتە : «بۇ دېلونىڭ تەپسىلاتى مەخپىي ، بىز تۈركىيە تەرەپتىن يەرلىك قانۇنلار بويىچە مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلىمىز.» دەپ يازغان.

 

 

 

 

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ تەلەپكە جاۋابەن ئىنكاس بىلدۈرمىدى.

 

 مەزمۇن: باستۇرۇش كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئۆتكەن ئون يىلدا مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى جىمجىت دۇنياۋى ھەرىكەت قوزغاپ ، ئۇيغۇرلارنى قايتىپ كېتىشكە مەجبۇرلىدى.

 

مىسىر ۋە تايلاندنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەر نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇردى.  قايتقانلار داۋاملىق غايىب بولدى. بەزىلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

 

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق لايىھەسىنىڭ خادىمى Elise Anderson ، ئاكسيوسقا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش دائىرىسىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

 

ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار قاتناشقان «ئىسلام دۆلىتى» قەد كۆتۈرگەندىن كېيىن ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىنىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى بارغانسېرى خەتەرلىك ئاشقۇنلۇق دەپ قارشى تۇردى.  «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ئالامەتلىرىنىڭ بىر رەسمىي تىزىملىكى «شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاش» ، «ئۇزۇن ساقال قويغان ياشلار» ۋە «رامىزاندا رېستورانلارنى تاقاش» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

ئاكسىيوسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە مۇدىرى ئېمما سىنكلېيېر-ۋېب «خىتاي تۈركىيەگە بېسىم قىلىدۇ ، تۈركىيە چەمبەردىن سەكرەپ ئۆتۈشى كېرەك»دېدى.

ئەنقەرەنىڭ قارىشى: 2017-يىلدىن بۇرۇن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتايدىن قاچقان ئۇيغۇرلارنى ئوچۇق-ئاشكارە قارشى ئالدى، نۇرغۇن تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلدى.

ئەمما خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن ئەنقەرەنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوللىشىنىڭ بىر قىسمىنى چېكىندۈرگەنلىكى كۆرۈلدى ،  ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارنى سوراق قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنى تېرورلۇق بىلەن ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى.

 نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: تۈركىيە بىلەن خىتاي 2017-يىلى ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى لايىھەسى ئىمزالىدى، ئەمما تۈركىيە پارلامېنتى تېخى تەستىقلىمىدى.

 ئەگەر ماقۇللانسا، قىسمەن ئىستىسنالاردىن سىرت تۈركىيە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىگە مەجبۇرىي ئەمەل قىلىشى كېرەك.

 

ئەسلىي مەنبە:

 

https://www.axios.com/documents-chinas-secret-extradition-request-uighur-turkey-6d5ba886-c22c-47e8-b970-804fae274e2d.html?utm_source=newsletter&utm_medium=email&utm_campaign=newsletter_axioschina&stream=china

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

لاگىرلاردىن قۇتۇلۇپ مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار 300 مىڭ ئەتراپىدا!

پە ماي 21 , 2020
گىرمانىيە ئاۋازى خىتايچە قانىلىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزىي ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا كەم دىگەندە 300 مىڭ ئادەم 2020- يىلىدىن بۇيان « نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ئۆز يۇرتىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈپ، ياقا يۇرت ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ھاشارغا تۇتۇلغان.

You May Like