ھىندستان ۋاقىت گېزىتى:ختتاينىڭ ئسلام بىلەن بولغان مۇناسۋىتى

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:ئسمايىل ئاۋاق

خىتتاي ۋە ئۇنىڭ ئىسلام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئىلان قىلىنغان ۋاقتى:2018-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:ئسمايىل ئاۋاق

تەھرىرى:ئابدۇقادىر ئابلىز

تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

(ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ختتاي بىلەن قىلالايدىغان ۋە  يېڭەلەيدىغان بىردىنبىر ئۇرۇش -<<ئۇيغۇر-ئاخبارات ئۇرۇشى>>غا تۈرلۈك-تۈمەن ئۇسۇلدا ئاكتىپ قاتنىششنى داۋاملىق سورايدۇ،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بىلەن ھەر سەپتە ھەمكارلىشۋاتقان قىرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن رەھمەت ئىيتىدۇ )

خىتاي ۋە ئۇنىڭ ئىسلام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇھىم نۇقتىلار خىتايدا ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا تەۋە تەخمىنەن 23 مىليون مۇسۇلمان ياشايدۇ. شىنجاڭدىكى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلار باشقىلار بىلەن ئوخشاش ئەركىنلىككە ئىگە ئەمەس. 2016-يىلى شىنجاڭدا قىسقىغىنە 3 ئاي ۋاقىتتا، 1000 دىن ئارتۇق مەسجىدنىڭ چېقىلغانلىق دوكلاتى بېرىلدى. يېڭى دېھلى: يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ نامايىشىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي مەركىزىنىڭ شىمالىدىكى نىڭشىيا رايۇنىدىكى بىر مەسچىتنى چىقىش پىلانىنى تۇختىتىپ قويدى. ئەمما خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئوخشاش نامايىشتىن پايدىلىق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. خىتايدا ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا تەۋە بولغان، تۇڭگان، ئۇيغۇر، قازاق، دوڭشياڭ، قىرغىز ۋە ئۆزبېكلەر بولۇپ، مۆلچەرەن 23 مىليون ئەتراپىدا مۇسۇلمان بار. چوڭ قۇرۇقلۇقتا كۆپىنچىسى غوللۇق گۇرۇپ بولغان خەن خىتتايلار. تۇڭگانلار مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ ھەم كۆپىنچىسى ئىچكى موڭغۇلغا يېقىن بولغان نىڭشيادا ياشايدۇ، خىتايمۇ تۇڭگانلارغا بەكرەك كەڭچىلىك قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئاھالە. ئۇلار تۇڭگانلار بىلەن ئوخشاش ئەركىنلىككە ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇيغۇرلار قاتتىق نەزەربەنت قىلىنىپلا قالماي، كۆپىنچىسى سەۋەبسىز قامالماقتا. 2016-يىلى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى شىنجاڭدا قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدە مىڭدىن ئارتۇق مەسجىدنىڭ چېقىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەيدۇ؟ ئۇيغۇرلار كۈلتۈر تەرەپتىن خەن خىتايلارغا قارىغاندا مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرىگە يېقىنراق. تارىم ۋادىسى 1759-يىلىدىكى چىڭ ئىشغالىيىتىدە خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا چۈشكەن. ئەمما 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىسقا مۇددەت مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل نەزەربەنت ۋە قاتتىق كونترول قىلىشلار ئىنقىلابچىلارنىڭ قارشىلىقى نەتىجىسىدە خىتاي بۇ رايوننى تېخىمۇ بەكرەك كونترول قىلغان. خىتتاي نېمىشقا بۇ رايوننى مۇھىم بىلىدۇ؟ مەركىزى ئاسىيا ئەللىرى ۋە ھىندىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان شىنجاڭ خىتاي ئۈچۈن زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. يەنە بىر يول، بىر بەلباغ پىلانىمۇ شىنجاڭدىن ئۆتىدۇ. بۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى، ب د ت 1 مىليون ئۇيغۇرنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتسىز لاگىرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما خىتاي شىنجاڭ سىياسىتىدىكى تەنقىدلەرنىڭ ئارقىسىدا خىتايغا قارشى كۈچلەر بار دەپ، بۇ دەۋانى رەت قىلدى. خىتاي ئىزچىل شىنجاڭ، بۇ رايۇننى ئۆزىنىڭ ۋەتىنى دەپ بىلىدىغان، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بىلەن خەن خىتايلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى پىلانلىۋاتقان دىنىي رادىكاللار ۋە بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن ئېغىر تەھدىتكە يۈزلىنىۋاتىدۇ دەپ كەلدى. ئۆتكەن ئىككى يىلدا خىتاي دائىرىلىرى بىخەتەرلىك ۋە نەزەربەنتنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. تەنقىدچىلەر ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى، قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى ۋە زور كۆلەملىك دى ئېن ئېي (DNA) ئەۋرىشكىسى ئېلىش قاتارلىقلارنى ھەربىي بۇيرۇق ھالىتىگە ئوخشاتتى. خىتاينىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرى دوكلاتىنى كۆرۈپ چىققان ب د ت كېڭەش ئەزالىرى 1 مىليون ئېتنىك ئۇيغۇرنىڭ مەخپىي يۇشۇرۇلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش لاگىرلىرىدا ئىكەنلىكىگە دائىر ئىشەنچلىك دوكىلاتنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ خىتايغا قارشى يامان نىيەتلىك كۈچلەر تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى يوشۇرۇنچە سەت كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ ئارقىسىدا دېدى. ئالدىنقى ھەپتە لاگىرلارغا سولاش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان كومېتىتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاي مەكداگىل خانىم خىتاي تەرەپنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلغانلارنىڭ مەلۇماتىغا قارىتا بەرگەن يۈزەكى رەت قىلىشىدىن قايىل بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي تۇتۇپ تۇرۇش لاگىرلىرىنىڭ بارلىقىدىن تۇلۇق تانمىدى دېدى. « سەن 1 مىليوننى يالغان دېدىڭ. ئوبدان، ئۇنداقتا قانچىلىك ئادەم بار؟ ماڭا ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇرلاردىن يىراقلاشقان نۇرغۇن مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، «قايسى قانۇنغا ئاساسەن قامىلىپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ؟ نېمىلەرنى يەۋاتىدۇ؟ يېمەك-ئىچمىكىچۇ؟» دېگەنلەرگە ئېنىق بىر جاۋاپ بېرىلمىدى. خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رەھبىرى يۈ جيەنخۇا بىر قىسىم كېڭەش ئەزالىرى ئاساسسىز ماتېرىياللارغا ئىشەنچلىك ئۇچۇر سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلدى دېدى. ئۇ يەنە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ خىتاينى بۆلۈشنى ئىستەيدىغان ھەم تېرورچى تەشكىلاتلار بىلەن باغلىنىشى بار دېدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا نەچچە يۈزلىگەن ئادەملەر توقۇنۇشلاردا ئۆلدى. خىتاي دائىرىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى رەھىمسىزلەرچە كۈچەيتتى. كىشلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ توقۇنۇشلار ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ھەرىكەت بولۇشىدىنمۇ بەكرەك خىتاينىڭ دىن ۋە كۈلتۈردىكى كونتروللۇقىغا بولغان ئۈمىدسىزلىكتىن كېلىپ چىققان دېيىشىدۇ. خىتاي قانۇنىدا دىنىي ئەركىنلىك كاپالەتكە ئىگە، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن رادىكالىشىش مۇمكىنچىلىكى ۋە توقۇنۇشلاردىن ئەنسىرىگەن ھۆكۈمەت مۇسۇلمانلار رايونىدىكى كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. خىتاينىڭ دىننى بۇرمىلاش سىياسىتى خىتاينىڭ شىنجاڭدىن سىرت نىڭشيا ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىگىمۇ كونتروللۇقنى كېڭەيتىشىدىن ئەنسىرىگەن باشقا نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارنى ئويغاتتى. باستۇرۇشلارنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ھۆكۈمەت ياشلارنىڭ مەسجىدلەردە تەربىيە ئېلىشىنى چەكلىدى. بەزى جايلاردا ياڭراتقۇلاردا ئەزان توۋلاشمۇ چەكلەندى. مەسجىدلەردىكى ئەرەپ ئېلىمېنتلىرى يىغىشتۇرۇلدى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

شياڭگاڭ مۇستەقىلچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركستان ۋە ختتايلار ھەققىدىكى نۇتۇقى

جۈ ئاۋغۇست 24 , 2018
مەزكۇر نۇتۇقنىڭ ئاساسى قسمىنى چىن خاۋتىيەننىڭ بىۋاستە ھاۋالىسى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

You May Like