ھىندونوزىيە پارلامىنت ئەزالىرى ھۈكۈمەتتىن خىتايغا بېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلدى!

ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ 13-دېكابىر خەۋىرىدە ھىندونوزىيە پارلامىنت ئەزالىرى ئۆز ھۈكۈمىتىدىن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇشقا بېسىم قىلىشى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۈستىدىن باستۇرۇش، ئىرقى قىرغىنىچىلق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ۋەھىمىلىك سىياسەتلىرىنى توختىتىشتا ۋە تۈرمە -لاگىرلارغا سۇلانغان مىليۇنلارچە مۇسۇلمانلارنىڭ قۇتۇلىشىدا ئىستىراتىگىيىلىك رول ئويناشنى تەلەپ قىلغان.

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر

كوررېكتور: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-15

ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ 13-دېكابىر خەۋىرىدە ھىندونوزىيە پارلامىنت ئەزالىرى ئۆز ھۈكۈمىتىدىن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇشقا بېسىم قىلىشى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۈستىدىن باستۇرۇش، ئىرقى قىرغىنىچىلق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ۋەھىمىلىك سىياسەتلىرىنى توختىتىشتا ۋە تۈرمەلاگىرلارغا سۇلانغان مىليۇنلارچە مۇسۇلمانلارنىڭ قۇتۇلىشىدا ئىستىراتىگىيىلىك رول ئويناشنى تەلەپ قىلغان.

ھىندونوزىيە پارلامىنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئېلان قىلغان باياناتىدا ھىندونوزىيەنى ئاھالىسى ئەڭ كۆپ مۇسۇلمان دۆلىتى بۇلۇش ۋە خىتاي بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەتلەردە بۇلۇشتەك سۈپىتى بىلەن خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۇركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزىۋاتقان سياسەتلىرىنى توختىتىپ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە خىتاي ھۈكۈمىتى بىلەن ئاكتىپ دىپلۇماتىك ئالاقىلەردە بۇلۇشقا چاقىرىق قىلدى.

ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى مۇخپىرىنىڭ پارلامىنت ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى سوكامىتانىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ: «بىز ھۈكۈمىتىمىزنى  خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۇركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزىۋاتقان سياسەتلىرىنى توختىتىپ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە خىتاي ھۈكۈمىتى بىلەن ئاكتىپ دىپلۇماتىك ئالاقىلەردە بۇلۇشقا چاقىرىق قىلىمىز ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىرزىسلارنى ھەل قىلىشقا بارلىق كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىش بىلەن بىرگە باشقا دۆلەتلەرنى، خۇسۇسەن ئىسلام دۆلەتلىرىنى ياردەمگە چاقىرىمىز» دىدى.

مەنبە:

https://www.aa.com.tr/ar/السياسة/إندونيسيا-مشرّعون-يطلبون-التحرك-لإنهاء-اضطهاد-الأويغور-بالصين/1338178

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

بۇ يىللىق «تۈرك دۇنياسى تۇران يازگان» مۇكاپاتى ئىلھام توختىغا بېرىلدى

يە دېكابىر 16 , 2018
تۈرك تەتقىقاتلىرى رەئىسى كۆزخان يازگان ۋە ۋېنگىرىيە تۇران ۋەقىپى ئاندراس بىرو ( Andras Biro ) بۇ موكاپاتنى ئىلھام توختىغا لايىق كۆردى ۋە موكاپاتنى ئون نەچچە يىل ئەنگىليەدە ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر سەنئەتچىسى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇد خانىم ۋەكىل بولۇپ قۇبۇل قىلدى.

You May Like