ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇملىرىغا قارشى نامايىش قىلدى

نەچچە يۈزلىگەن مۇسۇلمانلار جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتادىكى ئەلچىخانىسى سىرتىدا توپلىنىپ، خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان- ت) دىكى مۇتلە كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلىنغان زۇلۇملارغا قارشى نامايىش قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىل 21 دىكابىر

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-21

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

نەچچە يۈزلىگەن مۇسۇلمانلار جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتادىكى ئەلچىخانىسى سىرتىدا توپلىنىپ، خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان- ت) دىكى مۇتلە كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلىنغان زۇلۇملارغا قارشى نامايىش قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى ئاۋغۇستتا، ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن ئىشەنچىلىك دوكلاتلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، خىتايدا 1 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ‹‹مەخپىيەتلىكلەر بىلەن ئورالغان كەڭ كۆلەملىك جازا لاگىرلىرى›› غا قامالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ‹‹ ترورىزىمغا زەربە بىرىش باھانىسى›› بىلەن قامالغان كىشلەرنىڭ دەرھال قۇيۇپ بېرىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

ھىندونېزىيە دۇنيادىكى مۇسۇلمان نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت، ھىندونېزىيەدىكى ئۆكتىچىلەر پرېزدېنت جوكو ۋىدودونى خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېتەرلىك ياردەمدە بولمىدى دەپ ئەيىبلىدى.

نارازىلىق بىلدۈرگۈچى رىزۋان ئابدۇل رىزو جۈمە كۈنى مۇنداق دېدى: ‹‹ب د ت چوقۇم ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەك، ئسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوقۇم ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەك، مۇسۇلمانلار چوقۇم خىتايغا ھۆكۈمىتىگە قارشى مەيداندا تۇرىشى كېرەك.››

خىتاي ‹‹شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئسلام قۇراللىق كۈچلىرى ۋە بۆلگۈنچىلەرنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كىلىۋاتىدۇ›› دەيدۇ. گەرچە خىتاي زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ئەمەلدارلىرى ‹‹ بەزى يىنىك جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى كەسپىي تەرىيىلەش مەركەزلىرىگە ئەۋەتتۇق›› دەيدۇ.

خىتاي تۈركىي تىلى قوللىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاللىقاچان ئافغانىستان، پاكىستان، سۈرىيە ۋە ئېراق قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، قۇراللىق ئۇنسۇرلار ئۈچۈن جەڭ قىلغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.

ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى،  خىتاينىڭ جاكارتادا تۇرۇشلۇق پەۋقۇلئاددە ئەلچىسىنى چاقىرىپ، ‹‹ھىندونېزىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ئەندىشىلىرىنى›› يەتكۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينى دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا مۇراجىئەت قىلغان.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://www.reuters.com/article/us-indonesia-protests-uighurs/indonesian-muslims-protest-against-chinas-treatment-of-uighurs-idUSKCN1OK195

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

2018-يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتلىرى:

جۈ دېكابىر 21 , 2018
2018-يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، ھوقۇقى ، ماددى ۋە روھى ئىھتىياجلىرى ئۇچۇن نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلدى،تۆۋەندە بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1- 2018-يىلى قۇرۇلغان، 2-بىر قەدەر تەسرى بار (تاراتقۇ ۋە جامائەت بىلىدىغان ،ھۇرمەت قىلىدىغان) 3-مىللەت خىزمىتى قىلىششنى نىزامنامىسغا كىرگۇزگەن تەشكىلاتلارنى خەلقىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇنىمىز.

You May Like