ھىندونېزىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئىنگىلىزچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2015- يىلىدىن بېرى ھىندونېزىيە تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 4 نەپەر ئۇيغۇر ياش بۇ يىل سىنتەبىردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلغان.

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 27- ئۆكتەبىر

 

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئىنگىلىزچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2015- يىلىدىن بېرى ھىندونېزىيە تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 4 نەپەر ئۇيغۇر ياش بۇ يىل سىنتەبىردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلغان.

 

خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 24- ئۆكتەبىر تۇنجى بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئەركىن پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان ئەپەندى ئۆزىنىڭ شەخسىي فەيسبۇك ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر ئاممىسىنى ۋە تەشكىلات، جەمئىيەت رەھبەرلىرىنى، ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى ھىندونېزىيە ئەلچىخانىلىرنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىشقا ۋە ھىندونېزىيە دۆلىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان ئىدى.

 

بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ھەر قايسى دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىردەك ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ھىسابلىرىدا ھىندونېزىيەگە بولغان نارازىلىقىنى ۋە خىتايغا قايتۇرۇلغان ياشلارنىڭ ھاياتىغا بولغان ئەنسىرەشلىرنى ھەمبەھىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار كۆپ ياشايدىغان تۈركىيە ئىستانبولدىكى جامائەت ئەربابى ھەبىبۇللاھ كۈسەن، يۇرتلار بىرلىكى رەئىسى مەھمۇتجان داموللام، دوكتور بورھان ئۇلۇغيول ۋە ئەلى ئەكبەر داموللا قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ، 26- ئۆكتەبىر ئىستانبولدىكى ھىندونېزىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ھېندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىدى ۋە بۇ ھەقتە ئېنىق بىر مەلۇمات تەلەپ قىلدى.

 

بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن يۇرتلار بىرلىكى رەئىسى مەھمۇتجان داموللامنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندونېزىيە ئەلچىخانىسى ئۇچۇر بېرىشىنى ۋە كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان بولۇپ، پەقەت ئۇلارنىڭ پوچتا خەت ساندۇقى ئارقىلىق تەلەپلىرىنى ئەۋەتسە، جاۋاپ قايتۇردىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەلچىخانا ئالدىغا نامايىشقا كەلگەن ئامما شەرقىي تۈركىستان ئىتتىپاقلىق دەرنىكى نامىدىن ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى يازما شەكىلدە تاپشۇرۇپ قايتقان.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي نازارەت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەكتە

سە ئۆكتەبىر 27 , 2020
خىتيانىڭ خىكۋىژن پەن-تېخنىكا شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋىلىش لاگېرلىرىنى نازارەت ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگەن ئىدى. ئەمما بۇ شىركەتنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەزىبىر ئورگانلىرى ئىشلەتمەكتە. بۇ شىركەتنىڭ باش ئورنى گوللاندىيەدە.

You May Like