ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: خىتايدىن باشقا دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: خىتايدىن باشقا دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى

 ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: خىتايدىن باشقا دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى 

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 22-فېۋرال

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جايشانكار (Subrahmanyam Jaishankar) ھىندىستان يەرلىك ئاخبارات قانىلى ANI زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبلىك داۋالغۇش پەيتىدە تۇرغان بولسىمۇ رۇسىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىزچىل ھالدا مۇقىم بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. 

دەرۋەقە ھىندىستان ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان رۇسىيە بىلەن مۇقىم مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، رۇسىيە ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ قورال ياراق، ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ تەمىنلىگۈچىسى، ھىندىستان بولسا ئىزچىل ھالدا رۇسىيەنى دورا ۋە مېدىتسىنا ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان ھىندىستان رۇسىيەنى ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، ئىزچىل ھالدا بىتەرەپلىكنى ساقلاپ كەلگەن.  

جايشانكار  خىتاي ھىندىستان تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: « ھىندىستان دۇنيادىكى بارلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ياخشى بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى، ئەمما خىتاي بۇنىڭ سىرتىدا. چۈنكى خىتاي ئوتتۇرىمىزدىكى نۇرغۇن شەرتنامىلەرگە ئەمەل قىلمىدى، چېگرا رايونلاردا ئىزچىل ھالدا ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، ھىندىستان تەرەپمۇ لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ كەلدۇق.»

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىدىكى چېگرا مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان تالاش تارتىش بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن بولۇپ، ئىلگىرى 1962-يىلىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدا بۇ سەۋەبلىك ئۇرۇش پارتلىغان. 2020-يىلى 6- ئايدا ئىككى دۆلەت چېگرا ھەربىيلىرى ئوتتۇرىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 24 كىشى قازا قىلغان. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت زور مىقداردىكى ئەسكەر ۋە ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ئۆز چېگرا رايونلىرىغا ئەۋەتكەن. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئىلھام توختىنى قوللاش گورۇپپىسى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى

چا فېۋرال 22 , 2023
ئىلھام توختىنى قوللاش گورۇپپىسى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى

You May Like