ھىندى ئوكيان – كەلگۈسىدىكى رىقابەت رايونى

ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان ياۋروپا ھۆكۈمرانلىقى بارلىققا كەلگەنگە قەدەر، ھىندى ئوكيان دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا مەركىزى ئىدى، ھەر خىل تاۋارلار ئاسىيادىن ياۋروپا بازارلىرىغا يۆتكىلەتتى. 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپانىڭ دېڭىز-ئوكياندىكى ھاكىمىيەتلىرى ھىندى ئوكياننى ئاستا-ئاستا ئىنگلىز كۆلىگە ئايلاندۇردى.

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021-يىلى28 يانۋار

 

ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان ياۋروپا ھۆكۈمرانلىقى بارلىققا كەلگەنگە قەدەر، ھىندى ئوكيان دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا مەركىزى ئىدى، ھەر خىل تاۋارلار ئاسىيادىن ياۋروپا بازارلىرىغا يۆتكىلەتتى. 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپانىڭ دېڭىز-ئوكياندىكى ھاكىمىيەتلىرى ھىندى ئوكياننى ئاستا-ئاستا ئىنگلىز كۆلىگە ئايلاندۇردى.

 

ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەركەزنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى دەسلەپتە ئاتلانتىك ئوكيانغا، ئاندىن تىنچ ئوكيانغا يۆتكەلدى. ھەتتا 20- ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا نېفىت بايقالغاندىن كېيىنمۇ، ھىندى ئوكياننىڭ ئەۋزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يەتمىدى.

 

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكىلىقلار ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھىندى ئوكياننىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىكىنى ئىنگلىزلاردىن ئۆتكۈزۋالدى. لېكىن بۇ رايون ئۇرۇشتىن كېيىن نە ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەركەزگە ئايلاندى، نە سىياسىي تالاش-تارتىش قىلىدىغان مەركەز بولدى.

 

21- ئەسىردە ھىندى ئوكيان يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرماقتا. ئاسىيا دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مەركەزلەشكەن قىتئە بولۇپ، يەر شارى سودىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ھىندى ئوكياندىن ئۆتىدۇ. ئاسىيا ئىقتىسادى توكيودىن دۇسسېلدورفقىچە بولغان ئىشلەپچىقىرىش مەركەزلىرىنىڭ يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇھىم بۆلەكلىرىنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ تۇرماقتا. ئوتتۇرا شەرق يەنىلا يەر شارى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.

 

ھىندى ئوكياننىڭ بابۇل مېندېب بوغۇزى، ھورمۇز بوغۇزى ۋە مالاككا بوغۇزىدىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىلىق بوغۇزى بار. ئەگەر بۇ مۇھىم سۇ يوللىرنىڭ بىرەرسى تاسادىپىيلىق بىلەن قامال قىلىش، دېڭىز قاراقچىلىرى، تېررورلۇق ياكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن توسۇلۇپ قالسا، نەتىجىدە ئېنېرگىيە ۋە سودا ئېقىمىغا دەخلى قىلىدۇ ۋە بۇ يەرشارى خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنى» كېڭەش پالاتاسىغا تونۇشتۇرۇلدى.

پە يانۋار 28 , 2021
كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسۋەتلەر كومېتىتى رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىم رىش (ئىداخو شتاتىدىن، جۇمھۇرىيەتچى) بۈگۈن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئۇ (فىلورىدا شتاتىدىن،جۇمھۇرىيەتچى)، جەف مېركلى (ئورىگون شتاتىدىن، دېموكراتچى) قاتارلىق ئىككى كېڭەش پالاتا ئەزاسىغا قوشۇلۇپ، كېڭەش پالاتاسدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش قانۇن لايىھسى» نى تونۇشتۇردى.

You May Like