قەشقەر ھېيتگاھ ئەتراپىدىكى دۇكانلار خىتايلارغا زېمىنلىق سېتىلىشقا باشلىدى

قەشقەر ھېيتگاھ ئەتراپىدىكى دۇكانلار خىتايلارغا زېمىنلىق سېتىلىشقا باشلىدى

 قەشقەر ھېيتگاھ ئەتراپىدىكى دۇكانلار خىتايلارغا زېمىنلىق سېتىلىشقا  باشلىدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 30- ماي

تەييارلىغۇچى: ئابدۇرەھىم پاراچ

 

بۇ بىر نەچچە كۈندىن بىرى خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە دېتاللىرىدىن بىرى بولغان ئۈندىداردىكى كۆپلىگەن خىزمەت ۋە ئۇچۇر توپلىرىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمىي شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر شەھىرىنىڭ ھېيتگاھ مەيدانى ئەتراپىدىكى دۇكانلارنىڭ زېمىنلىق سېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئېلانلار يەر ئالغان.

بۇ ئېلاندا: «قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان ھېيتگاھ ئەتراپىدىكى دۇكانلار ۋە 24 سائەت ئوچۇق يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرىنىڭ زېمىنلىق سېتىلىشقا باشلىغانلىقى، 50 مىڭدىن 100 مىڭ خىتاي پۇلى بىلەن <كۆچمەس مۈلۈك> كىنىشكىسى چىقىدىغانلىقى» تىلغا ئېلىنغان. 

قەشقەر شەھىرى قەدىمدىن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، مەركىزى شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ، خىتاي ئىشغالىدىن كېيىنكى يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىت جەريانىدا، ئۇيغۇرچە مىللىي خاسلىققا ئىگە بولغان پۈتۈن مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر ھەر خىل شەكىلدە زىيانكەشلىك ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كەلگەن. بۇ بۇزغۇنچىلىقلار 2015-يىلىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ ئەۋجىگە چىققان يىللىرىدىن كىيىن، بىر پۈتۈن يوق قىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 18 – ۋە 23- مارت، شۇنداقلا، 06- ماي كۈنلىرىدىكى قەشقەر يېڭى بازارغا ئائىت بەرگەن خەۋەرلىرىدىمۇ، «قەشقەر يېڭى بازارنىڭ پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلىنىپ، بىر پۈتۈن يوق قىلىنغانلىقى، مۇتلەق كۆپ قىسىم يەر ۋە زېمىنلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن مەجبۇرىي تارتىپ ئېلىنىپ، خىتايلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى» غا ئائىت مەلۇماتلار بېرىلگەن ئىدى. 

ئۈندىدار توپلىرىدا تارقالغان يۇقىرىدىكى ئېلان ۋە ئۇچۇرلاردىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىمۋولى، قەشقەر شەھىرىنىڭ يۈرىكى بولغان ھېيتگاھ مەسچىتى ئەتراپىدىكى دۇكانلارنىڭمۇ «سېتىش-سېتىۋېلىش» شەكلىدە خىتايلارنى يەرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. 

كۆزەتكۈچىلەر، قەشقەر ھېيتگاھ ئەتراپىدىكى دۇكانلارنىڭ سېتىلىشى خىتايلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ قەشقەرنى بىر پۈتۈن خىتايلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم باسقۇچلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق پىلانى مەغلۇپ بولدى

سە ماي 31 , 2022
خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق پىلانى مەغلۇپ بولدى

You May Like