ھازىرچە – خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارشى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىشنى تاللىدى

بىر مىللەتنى پۈتۈن ئۆلتۈرۋەتمەي تۇرۇپ ئاستا-ئاستا ۋەيران قىلىشنىڭ چىقىمى ناھايتى ئېغىرغا توختايدۇ، ئەمما ختتاي ھۆكۈمىتى شۇنداق قىلىشقا رازى!

تاشقى سىياسەت تور بېتى

كەيىت كىرونىن – فۇرمەن يازمىسى

ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2018-يىل 19-سېنتەبىر

تەرجىمان: ئەردەم

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

بىر مىللەتنى پۈتۈن ئۆلتۈرۋەتمەي تۇرۇپ ئاستا-ئاستا ۋەيران قىلىشنىڭ چىقىمى ناھايتى ئېغىرغا توختايدۇ، ئەمما ختتاي ھۆكۈمىتى شۇنداق قىلىشقا رازى!

    بۇ يىللىق ياز پەسلى خىتاينىڭ غەربىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئورۋىلىيانچە تىرورىزىم خەۋەرلىرىنىڭ بۇلىقى بولۇپ كەلدى. بىر مىلىيون كىشى سىياسىي ئۆگىنىش لاگىرلىرىدا مەجبۇرىي ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئىشپىيون كادىرلار ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە «ئاسراندى مېھمانلار»غا ئايلانغان. ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇچقاق ۋە ھەر بىر ئەسۋاپقا جاسۇسلۇق يۇمتاللىرى مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ ساقچى دۆلىتىنىڭ نىشانى بولسا خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت. مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئامىل سەۋەبىدىن، ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ساداقىتىدىن گۇمانسىراپ كەلگەن. 2009- يىلى، ئۇيغۇرلار نىڭ قارشىلىقى زوراۋانلىق نامايىشىغا ئايلىنىپ، ئۆچ ئىلىش خاراكتىرلىك باستۇرۇشقا ئۇچرىغاندىن كىيىن، ئەسلىدىنلا تۇراقسىز مىللىي مۇناسىۋەت تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەن. يۈزلىگەن كىشى توقۇنۇشتا قازا قىلغان ياكى خەۋىپسزلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن يوق قىلىنغان. شۇندىن كىيىن، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن بىر قىسىم ئەجەللىك تىرورلۇق ۋەقەلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى كۈنسىرى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراتقان. ئۇيغۇرلار خىتايغا نىسبەتەن بىر مەسىلە، بەلكىم بىر مۈشكۈل مەسىلىدۇ. ئۇلار خىتاي دۆلىتىنىڭ رايى يوق ئوبىكتى، ئۇلار شى جىنپىڭ ئىمزالىغان «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستىرادىگىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسىغا جايلاشقان. ھازىرغىچە كۈچىيىۋاتقان قاتتىق بېسىم پەقەتلا تېخىمۇ كەسكىن قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىلىشىمىزچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە قىرغىن قىلمايۋاتىدۇ. بۇ دىگەنلىك باستۇرۇشنىڭ زوراۋانلىق ئىكەنلىكنى ئاقلىغانلىق ئەمەس، ئۇ زوراۋانلىق. خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تۇتقۇنلارنى قىيىن – قىستاققا ئىلىۋاتىدۇ، قانۇنسىز ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، ئەمما قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلمايۋاتىدۇ. بىراق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سېستىمىلىق ھالدا ئەجەللىك زەربە بىرىپ، قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئىسپات يوق. نېمىشقا؟ بۇ ئەلۋەتتە قىرغۇچى قۇراللارنى ئىشلىتىشنى خالىمىغانلىقىدىن ئەمەس. يىقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بىرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى چەكلىمىلەر ھەيران قالارلىق دەرىجىدە چېڭىپ كەتتى. يەرلىك ھۆكۈمەت «ئىسلام دىنى يۇقۇملۇق ئىدىيىۋىي كىسەل، يۇقۇملانغان بىمارلار چوقۇم جەمىيەتتىن ئايرىۋىتىلىشى كىرەك» دەپ قارايدۇ. 2018- يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، غايەت زور تۇتۇپ تۇرۇش لاگىرلىرىنىڭ كۆلىمى يەنە بىر ھەسسە ئاشتى. كىشىلەر بىر نەچچە كۈن ياكى بىر نەچچە ھەپتىدىن كىيىنلا ئىز- دىرەكسىز غايىپ بولماقتا. ھازىر ئۇلار يوقاپ كەتكىلى بىر نەچچە ئاي ياكى نەچچە يىل بولدى. چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ دوكىلات قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن تىلىڧۇن ئالاقىسىى ئۈزۈلگەن، ئۇلار تۇغقانلىرىنىڭ گۇمان قوزغىماسلىق ئۈچۈن چەتئەل بىلەن ئالاقىسى ئۈزدىمۇ ياكى تۇغقانلىرىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش لاگىرلاردا غايىپ بولدىمۇ بىلمەيدۇ. گەرچە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇيغۇرلارنى «دۆلەتنىڭ بەختىيار پەرزەنتلىرى» دەپ تەسۋىرلەپ تۇرسىمۇ،  «تىرورچى، مىللىي بۆلگۈنچى» قالپاقلىرى بارغانسىرى ئىنساپسىزلىشىپ، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. ھەر قانداق ئۇيغۇر، بولۇپمۇ ياشلار چوقۇم شاللىۋىتىش كىرەك بولغان ئاشقۇنلار دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنماقتا. خىتاي ئىنتايىن قاتتىق كونتىرول قىلىۋاتقان ئىنتىرنىت مۇھىتىدا، ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئۆچمەنلىك سۆزلىرى يەرلىكنىڭ ھىچقانداق تەنقىدلىشىگە ئۇچرىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدىن باشقا جايدا ئولتۇراقلىشىشى تولىمۇ تەس.خىتايلار مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا ئۆي ئىجارە بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا تۈرمىگە سولانغان، ئىجارىگە ئولتۇرغان ئۇيغۇرلار بولسا شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلىپ، لاگىرغا قامالغان. ھەرقانداق ئۆلچەمنى ئاساس قىلىشتىن قەتئىنەزەر، خىتاي ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. كونكىرىت ئىپادىلىرىدىن: قالايمىقان سولاپ قويۇش ۋە زىيانكەشلىك قىلىش. ھەر قانداق بىر ئاۋام خەلقكە كەڭ كۆلەملىك ياكى سىستىمىلىق ھۇجۇم قىلىش ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى ھىسابلىنىدۇ. ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغانلارمۇ لاگىرلاردا قاتتىق قىيىن- قىستاققا ئىلىنغانلىقىنى ئىيىتقان. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئورگىنى كۆرسەتكەندەك، ئەگەر بۇمۇ ئوموميۈزلۈك ياكى سىستىمىلىق ئىلىپ بىرىلغان بولسا ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى ھىسابلىنىدۇ. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار لاگىرلاردىكى خورلاشلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئىيىتتى. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە خىتاي ھازىر بالىلارنى مەجبۇرى ھالدا ئائىلىدىن ئايرىش، ئۆز تىلىدا سۆزلىشىشتىن توسۇش، مىللىي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن توسۇش ياكى مەكتەپلەرنى، مەدرىسلەرنى تاقاش ئارقىلىق كۈلتۈرەل قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتماقتا. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئائىلىدىن ئايرىش، زىيالىيلار ۋە خەلق ئارىسىدىكى داھىيلارنى نىشانلاپ سىياسىي تەربىيەلەش لاگىرلىرىغا سولاش، ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردىن چەكلەش، مەسچىتلەرنى چېقىش، چاچ، كىيىم- كىچەك ۋە بوۋاقلارنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش مىللىي سىموۋۇللارغا چەكلىمىلەر زىيادە كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقاتماقچى بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەن. مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى خەلقئارا قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن جىنايى قىلمىش ئەمەس. 1948- يىلى، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى چەكلەش كىلىشىمى» تۈزۈش مەزگىلىدە كۈلتۈرەل قىرغىنچلىق مۇزاكىرە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا جىسمانىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ پەرقى ئېنىق ئايرىلمىغان. مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىللار ئىچىدە، بالىلارنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋىتىشلا جىنايى قىلمىش ھىسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل كەمتۈكلۈك مەسىلە تۇغدۇرمايدۇ. مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى شەكىللەندۈرىدىغان قىلمىشلار ئادەتتە زور كۆلەملىك زوۋارانلىق بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ ياكى شۇنىڭدىن ئالدىن بىشارەت بىرىدۇ. شۇڭا، كۈلتۈرەل ئالاھىدىلىكنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان يۇمشاق ھەرىكەتلەر كۆپىنچە زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق پەيدا قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى نىشان ۋە ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن، بىرما ئارمىيىسى روھىڭگالىقلارغا قوزغىغان زوراۋان قىرغىنچىلىق روھىڭگا مەدەنىيەت ئورۇنلىرى ۋە رەھبەرلىرىنى ۋەيران قىلىشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينىدى. روھىڭگالىقلار نىكاھ، تۇغۇت، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە نەچچە ئون يىللىق چىكىنىشكە دۇچار بولدى. بىراق تاھازىرغىچە، خىتاي كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلمىدى، بۇ ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمىشقا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەيدىغانلىقى غەلىتە بىلىنسىمۇ، ئۇ يەنىلا نەچچە مىلىيون ئادەمنىڭ جىنىغا بىرىپ تاقىشىدۇ. بۇ قەدەر كەڭ كۆلەم ۋە سېستىما ئاساسىدا ئاجىز ۋە خورلۇققا ئۇچراۋاتقان ئاز سانلىق گۇرۇپقا باستۇرۇش خاراكتىرلىك زوراۋانلىق قىلىپ تۇرۇپ، زور كۆلەمدە قىرغىنچىلىق قىلماسلىق بىنورمال ھادىسە. بىر قەۋىمنى ئۆلتۈرمەستىن ئۆلگۈدەك ئازاپلاشقا كىتەرلىك چېقىم، جاپا، قىيىنچىلىقلارنى ئويلاشقاندا خىتاينىڭ بۇ ئۇسۇلى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. خىتاي يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەت خىتايدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنى نازارەت قىلىدىغان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈش ئۈچۈن كىتەرلىك بىئولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىقلار ناھايىتى زور دەرىجىدە تورلاشقان ئىستىخبارات خىزمىتىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خىزمەت «قايتا تەربىيەلەش»كە تۇتۇلغانلارنى قاماش ئۈچۈن ئىنتايىن زور كۆلەملىك لاگىر قۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلغۇچى، نازارەت قىلغۇچىلار قوشۇنىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر خەلقنى يوقىتىش دائىما يۈكسەك سەۋىيەدە تەشكىللەش ۋە مەنبەگە مۇھتاج. گەرچە ئاممىۋىي تاراتقۇلاردا بۇ خىل زوراۋانلىق ئەقىلسىزلىق دەپ تەسۋىرلەنسىمۇ، مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئىتنىك قىرغىنچىلىق ناھايىتى ئىلمىي ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن كۆرسىتىلىدۇ. ئۇ قالايمىقان زوراۋانلىق قىلىش ئەمەس، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى تەرتىپلىك ۋە سېستىمىلىق ئىلىپ بىرىلىدۇ. ئالدىنقى ئەسىردىكى ئۈلگىلىك ۋەقەلەردىن، يەھۇدى زور قىرغىنچىلىقى، رۇۋاندا ئىتنىك قىرغىنچىلىقى قاتارلىقلار دەل زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىقى مەقسىتى ئىنتايىن روشەن ۋە تەشكىللىك يۈرگۈزۈلۈشى بىلەن مەشھۇر بولغان. ناتسىستلارنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن قوماندانلىق ۋە كونتىرول قۇرۇلمىسى سېستىمىلىق قىرغىنچىلىقنى راۋان يۈرگۈزۈپ، 11 مىلىيون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. ئوخشاشلا، رۇۋاندادىكى ئىتنىڭ قىرغىنچىلىقنى قوزغىغۇچىلار مەزكۇر دۆلەتنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تۇتاشقان ئەمەلدارلىق تۈزۈلمىسىدىن پايدىلىنىپ، يەرلىكتىن مەركەزگىچە يۇقىرىنىڭ ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. مەلۇم بىر خەلقنى يوقىتىش ئۈچۈن: قاتتىق كونتىروللۇق كۈچىگە ئىگە تەشكىلىي قۇرۇلما، تەشكىل ئەزالىرى مەزلۇملارنى ئۈنۈملۈك ھالدا پەرقلەندۈرەلەيدىغان ۋە ئۇلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇرالايدىغان ھەتتا ئەڭ ئەخلاقسىز بۇيرۇقلارنىمۇ ئىجرا قىلىشتىن يانمايدىغان بولۇشى كىرەك. ئەمما بىر خەلقنىڭ ئەزالىرىنى قىرغىن قىلماي، ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىش ئادەتتىكى قىرغىنچىلىقتىنمۇ ئۈستۈن بۇيرۇق ھىسابلىنىدۇ. خەلقنى داۋاملىق نازارەت قىلىش چېقىمى ناھايىتى ئېغىر توختاپلا قالماي، سەرپىياتمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ. ئېغىر سىياسىي بېسىم ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مالىيە ئەھۋالى جىددىيلىشىپ قالغان بولسا كىرەك، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرىز مەسىلىسى ئېغىرلاشقان. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سان چەكلىمىسى يوق، بۇ تېخىمۇ كۆپ ئادەم كۈچىگە ئىھتىياج تۇغدۇرىدۇ. تەتقىقاتچى ئاردىيان زىنىزنىڭ دىيىشىچە، 2016- يىلىدىلا مەزكۇر رايون ئىلان قىلغان ئامانلىق خادىملىرىنىڭ سانى 2008- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە بولغان ئومۇمىي ساندىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋەزىپىنىڭ ئېنىق ئاياغلىشىدىغان ۋاقتى يوق بولۇپ، بۇ تۇتقۇن قىلىشنىڭ چەكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق، بۇ جىنايى قىلمىشنىڭ ئىتنىك قىرغىنچىلىق بولماستىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقنى نىشان قىلغان بولۇشى روشەن مەنپەئەتكە ئىگە. توغرا، ئۇ ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ۋە قىممەت توختايدۇ. ئەمما ئۇنى يوشۇرماق ۋە قالايمىقانلاشتۇرماقمۇ ، ئىتنىك قىرغىنچىلىققا قارىغاندا ئاسان توختايدۇ. جەسەت ئازگاللىرى، چىرىگەن جەسەتلەر، ئۆلگەنلەر سانلىق مەلۇماتى بولمايدۇ. خالىغانچە تۇتۇپ سولاش ۋە خورلاشلار تىرورىزىمغا قارشى زىيادە قىززىققانلىق دەپ قارىلىشى، كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق دەپ قارالماسلىقى مۇمكىن. ھەتتا قانۇنىي دۆلەتنىڭ مەقسىتى (خۇددى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەھشىي مۇئامىلە تۇتقىنىغا ئوخشاش) پۈتۈنلەي خاتا بولسىمۇ، سېستىمىلىق قىرغىنچىلىق قىلىپ، زور ساندىكى ئۆلۈم ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىلا، ئۈزلۈكسىز زوراۋانلىق پەقەتلا خەلقئارانىڭ چەكلىك دائىرىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، خىتاي ئىناۋەتىنىڭ تۆكۈلىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئەمما بۇ قانلىق قىرغىنچلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىغان ئاقىۋەتتىن كۆپ ياخشى. نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتكە قارىغاندا، خىتاينىڭ نېمىشقا ئىتنىك قىرغىنچىلىق قىلماي، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قىلىشىدىكى مەقسەتنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سىياسىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىقتىدار ۋە كونتىرول قىلىش ۋەسىيەسىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ بىزنىڭ نېمىشقا پاجىئەلىك قىرغىنچىلىق يۈز بەرمىگەن ئەھۋالدا بۇ خىل باستۇرۇشلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكىمىزدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ. گەرچە قۇراللىق قىرغىنچىلىق قىلىش تېخىمۇ ئەرزان، تېخىمۇ ئاسان، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ چېقىمى ئېغىر بولسىمۇ، خىتاي مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى تاللىغان. ناتسېسىت گىرمانىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى ۋە ئىقتىدارى ئېغىر بىسىمغا دۇچ كەلگەندە، قىرغىنچىلىقنىڭ سۈرئىتى تىزلىشىشى تاسادىبىيلىق ئەمەس. ئوخشاشلا، بىرما ئىرقىي ئايرىمىچى دۆلەتتىن ئۆزگۈرۈپ، روھىڭگالىقلارغا ئوموميۈزلۈك ھۇجۇم قىلغان. بۇ شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، بىرما ئاز راق قۇراللىق كۈچ بىلەن روھىڭگالىقلارنى يوقىتىشتا ئۈنۈم قازىنالمىغاچ، ئىستىرادىگىيەسىنى ئۆزگەرتكەن. بۇ ھادىسىلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. خىتاينىڭ ھەرىكىتى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇش مەقسىتىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. نۆۋەتتە، خىتاي چېقىمى ئەڭ زور بولغان مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيە ئۇسۇلى بىلەن مەقسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىۋاتىدۇ. ئەگەر رىئاللىق بۇنىڭ تولىمۇ تەس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا، خىتاي ھەرگىزمۇ مەقسىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. ئەكسىنچە تېخىمۇ ئاسان ئۇسۇل- قانلىق قىرغىنچىلىقنى تاللاپ، پاجىئەلىك نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەنبە: https://foreignpolicy.com/2018/09/19/china-has-chosen-cultural-genocide-in-xinjiang-for-now/amp/?__twitter_impression=true

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

كىم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن گەپ قىلىدۇ ؟

پە سېنتەبىر 20 , 2018
دۇنيا پەلەستىن ۋە روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرىغا قىلنغان زۇلۇملارنى ئەيپلەپ باياناتنامىلەر ئىلان قىلۋاتىدۇ . لىكىن خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلنغان زۇلۇملارنى ئەيىپلەيدىغان باياناتنامىلەر قەيەردە؟

You May Like