گوۋېنگۇينىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىش ئىلتىماسى رەت قىلىنغان

گوۋېنگۇينىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىش ئىلتىماسى رەت قىلىنغان

 گوۋېنگۇينىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىش ئىلتىماسى رەت قىلىنغان

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 22-ئاپرېل

خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانخاتتان فېدېراتسىيە باش سوتچىسى ئانالىسا توررېس 20-ئاپرېل گوۋېنگۇينىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىش ئىلتىماسىنى رەت قىلغان.

30-مارت گو نىڭ ئادۋوكاتى 25 مىليون دوللار قىممىتىدىكى كېپىللىك ئىلتىماسىنى سۇنغان، ئەمما باش سوتچى ئۇنى قويۇپ بەرگەن تەقدىردە قېچىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىلتىماسنى رەت قىلغان. ئانالىسا توررېس خانىم مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « ئەدلىيە تارماقلىرى گو نىڭ تۇرالغۇسىنى تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ نامىدا ئىككى دانە پاسپورتنى بايقىغان، بۇ ئەقىللىق جاۋابكارنىڭ پاسپورتسىز ئەھۋالدا ئامېرىكىدىن ئايرىلىپ كېتىدىغانغا يېتەرلىك ئىقتىسادى بار…»

خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەگەر گو ۋېنگۇي ئۈستىدىن ئارتىلغان جىنايەتلەر دەلىللەنسە ئەڭ كۆپ بولغاندا 100يىلدىن ئارتۇق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ھىندىستان خىتاينىڭ «دۇنيا زاۋۇتى» ئورنىنى ئالالامدۇ؟

شە ئاپرېل 22 , 2023
ھىندىستان خىتاينىڭ «دۇنيا زاۋۇتى» ئورنىنى ئالالامدۇ؟

You May Like