ئەردەم
2020-9-30
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
30- سىنتەبىر، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى ناھايىتى بىر نەچچە چوڭ قەدەم ئالدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن جازالاشقا تېگىشلىك كىشىلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈشكە ، ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويۇلمىسا ، بۇ جازانى يولغا قويۇشقا چاقىردى.
گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈشكە ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپ ئېلىشنى توختىتىشقا چاقىردى.
ھۆكۈمەتنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە مۇستەقىل تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا قارار تەستىقلاندى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى بىر نەچچە چوڭ سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسى بىلەن ئىككى ئايدىن بىرى يىقىندىن ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. بۇ ئىككى قارارمۇ شۇ سىياسىي پارتىيەلەر ياشلار گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ۋۇجۇتقا چىقتى.
بۇ مەسىلىنى بىر نەچچە كۈن ئاۋال گوللاندىيە پارلامىنتىدا مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، باش مىنىستىر ۋە كابىنىتنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئەمەلدىن قالغان ئىدى. بۈگۈن يەنە يىڭىدىن كۆپ سانلىق پارتىيەلەرنىڭ قوللىشى بىلەن گوللاندىيە ئىككى چوڭ قەدەم ئالدىغا ئالدى.