گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا كۆرۈشۈشتە بولدى

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا كۆرۈشۈشتە بولدى

 گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا كۆرۈشۈشتە بولدى 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 20-ئاپرېل

19-ئاپرېل گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مەزكۇر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق باش ئەلچىسى باھىيە تەھزىپ خانىم، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىلى لاۋرەنىس ئەپەندىم قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتتە بولدى.

« گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى»نىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەرگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا ئۇچرىشىشقا گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلار ۋە خانىملار ئاساس بولۇپ قاتناشقان. سۆھبەت قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ لاگېر ئىچىدىكى دەھشەتلىك زۇلۇملار توغرىسىدىكى گۇۋاھلىقلىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، سۆھبەت جەريانىدا ۋەكىللەر گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا قارىتا ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالىتەن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا گوللاندىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تېخىچە ئەمەلىي تەدبىر قوللانماي جىم تۇرغانلىقى توغرىسىدىكى نارازىلىقلىرىنى، گوللاندىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ ۋەتەندە قېلىپ قالغان بالىلىرى بىلەن  قايتا جەملىشىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتكەن «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى»نى بايقۇت قىلىشقا قارىتا كەسكىن بولمىغانلىقىغا قارشى نارازىلىقلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويغان. 

ۋەكىللەر يەنە نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ماراكەش ۋە تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ئەھۋاللىرىنى ئاڭلاتقان ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىدىن ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىشىنى ئىلتىجا قىلغان. سۆھبەت ئاخىرىدا ۋەكىللەر «100 ئۇيغۇر پروجەكتى» تونۇشتۇرۇلۇپ ھازىرلانغان 25 پارچە دوكلاتنى تاپشۇرغان.

ئارمان تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خادىملىرى ئۆزىنىڭ ئاخبارات سەزگۈرلۈكىنى تۆۋەندىكى ساھەلەردە ئۆستۈرۈشى كىرەك.

چا ئاپرېل 20 , 2022
تۆۋەندىكى ساھەلەر كۈندىلىك،ھەپتىلىك،ئايلىق ،يىللىق ۋاقىت بىرلىكى بويىچە ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى كىرەك.

You May Like