گېرمانىيە يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئەمدى سۈكۈتتە تۇرمايمىز

گېرمانىيە يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئەمدى سۈكۈتتە تۇرمايمىز

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 03-دېكابىر

گېرمانىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇققا تەيىنلىنىش ھارپىسىدا، يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Annalena Baerbock خانىم ئۆزىنىڭ خىتايغا بولغان كەسكىن مەيدانىنى ئىپادىلىدى. ئۇ سۆز قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مۇناسىۋىتىدىكى يادرولۇق مەسىلە بولىدىغانلىقىنى، بۇرۇنقى ھۆكۈمەتكە ئوخشاش سۈكۈتتە تۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى شەرقى تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلماسلىققا چاقىردى.

يېشىللار پارتىيەسىدىن كەلگەن بۇ يىل 40 ياشلىق Annalena Baerbock خانىم بېرلىن تاراتقۇسى «كۈندىلىك خەۋەرلەر»(Die Tageszeitung) گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: « خىتاي بىزنىڭ ھەمكارلاشقۇچىمىز، ئەمما گېرمانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دىكتاتور ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي بىلەن تۈزۈلمە جەھەتتىكى رىقابەتچى سۈپىتىدىكى بىر دۆلەتتۇر. شۇڭا گېرمانىيە دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇنداقلا ئورتاق قىممەت قاراش ۋە مەنپەئەتنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.»

ئۇ يەنە مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكى مەسىلىسى ئۈستىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:« بېيجىڭدىكى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ تېننىس ماھىرى پېڭ شۇەي گە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن قارىغاندا، بۇ مەسىلىنى ھەقىقەتەنمۇ ئەستايىدىل قايتا ئويلىنىش كېرەك، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك ئۇسۇللىرى بار، بىز بۇلارنى كېيىنكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە مۇزاكىرە قىلماقچى».

Annalena Baerbock خانىم 1980-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ ھازىر ئىككى بالىنىڭ ئانىسى ئىكەن. ئۇ ئىلگىرى گىمناستىكا ماھىرى بولۇپ گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن دۇنيا گىمناستىكا مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ۋە مىس مېدالغا ئېرىشكەن ئىكەن. ئۇنىڭ تۈز سۆزلۈك خاراكتېرى گېرمانىيەدىكى نۇرغۇن ياشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە ئۇ دائىم مېركېلىنى خىتايغا نىسبەتەن يۇمشاقلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن ئىكەن. 

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنىڭ ھازىرغىچە تەستىقلانماسلىقىدا بايدىن ھۆكۈمىتى سەۋەبلىكمۇ؟

جۈ دېكابىر 3 , 2021
فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ يازغۇچىسى جوش روگىنJosh Rogin بۈگۈن ماقالە ئېلان قىلىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى كەينىگە سۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە ئامېرىكىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئېلىۋاتقان كارخانىلارنىڭ لوبىچىلىرى، شۇنداقلا دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىق كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇقى، ۋە بايدىن ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئاستىرتىن پارلامېنت ئەزالىرىدىن قانۇن لايىھە قەدەم باسقۇچلىرىنى ئاستىلىتىشىنى تەلەپ قىلىشى سەۋەبلىك بۇ قانۇن لايىھە تا بۈگۈنگىچە ئەمەلىيلەشمىگەن ئىكەن.

You May Like