گېرمانىيە ئاۋازى: خىتاي شىنجاڭدىكى (ش ت) مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلاشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئامېرىكا ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى توسۇشقا چاقىردى

ئەنگىلىيىنىڭ مۇھاپىزەتچى گېزىتى ۋە تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك تور مىدىياسى Bellingcatھەمكارلىشىپ، سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنىشىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، 2016 – يىلىدىن بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان -ت) ئەڭ ئاز بولغاندا 31 مەسچىت ۋە ئىككى تاۋاپگاھنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇنىڭغا ئىتىراز بىلدۈردى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى بۇلارغا ئىشەنمەسلىككە، «ئۆسەك سۆزلەرنى» تارقاتماسلىققا چاقىردى.

گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 8- ماي

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سايئوغلى

كوررېكتور: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-10

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئەنگىلىيىنىڭ مۇھاپىزەتچى گېزىتى ۋە تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك تور مىدىياسى Bellingcatھەمكارلىشىپ، سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنىشىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، 2016 – يىلىدىن بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان -ت) ئەڭ ئاز بولغاندا 31 مەسچىت ۋە ئىككى تاۋاپگاھنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇنىڭغا ئىتىراز بىلدۈردى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى بۇلارغا ئىشەنمەسلىككە، «ئۆسەك سۆزلەرنى» تارقاتماسلىققا چاقىردى.

 (گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى) خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش بەش يىللىق پىلانىنى يولغا قويغاندىن بىرى خىتاينىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە ۋە شىنجاڭنىڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) ھەرقايسى شەھەرلىرىدە مەسچىتلەرنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىق خەۋەرلىرى تارقىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىكى (شەرقى تۈركىستان-ت) ئەھۋال ئالاھىدە ئېغىر بولدى. گېرمانىيە ئاۋازى ئالدىنقى ئايدا سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2018-يىلى شىنجاڭدا (شەرقى تۈركىستان-ت) تارىخى 500 يىلدىن ئاشىدىغان قەدىمى مەسچىتتىن ئىككىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ھەرقايسى جايلاردىكى مەسچىتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالىنى تىخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەنگلىيە ئاخباراتى «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك تور مىدىياسى Bellingcat بىلەن ھەمكارلىشىپ Google Earth بىلەن ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈش شىركىتىنىڭ  Planet Labs سىستېمىسىدىكى سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقى تۈركىستان-ت) ئەڭ ئاز بولغاندا 31 مەسچىتنى ۋە ئىككى چوڭ تاۋاپگاھنى زور كۆلەمدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلىقىنى ياكى پۈتۈنلەي چىقىپ تاشلىغانلىقىنى بايقىغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا 15 مەسچىت پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلانغان، قالغان 16سىنىڭ ئىشىك، گۈمبەز، مۇنار قاتارلىق قىسىملىرى چېقىپ تاشلانغان.

ئۇزۇندىن بىرى خىتاينىڭ ئىسلام دىنى تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان، نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروفېسسورى رىيان توم (Rian Thum) تىۋىتىردا مۇنداق بىر بۆلەك ئېلان قىلغان : خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقى تۈركىستان -ت) مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى بىۋاستە ۋەيران قىلغانلىقتۇر.

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازغان : «شىنجاڭدا  (خىتاي شەرقى تۈركىستان-ت) باشقا سىياسەتلەرنى يۈرگىزىۋاتقىنىدەك، شىنجاڭدىكى )شەرقى تۈركىستانت( مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلغانلىق بولۇپلا قالماي يەنە ئۇلارنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغانلىقتۇر.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسى مۇزاكىرە ھەيئىتى سەيشەنبە كۈنى ئەزا دۆلەتلەرنى تاللاش ئېلىپ بارغاندا ئامېرىكا خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرغانلىقى ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ بۇ ھەيئەتكە ئەزا بولىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. بۇ خەۋەر چىقىشى بىلەنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇ ۋاشىنگىتون بىلەن بېيجىڭنىڭ ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدىن بىرى ئىككىنچى قېتىم شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) قايتا تەربىيىلەش لاگېرى توغرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بىر -بىرى بىلەن قارشىلىشىشىدۇر. ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مىللەتلەر مەسىلىسى مۇزاكىرە ھەيئىتىدە لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى.

شۇنداقتىمۇ سەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا، ئامېرىكا ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ھەيئەتكە ئەزا بولىشىغا بىلەت تاشلىماسلىققا ئۈندىگەن بولسىمۇ ئاخىرى خىتاي يەنىلا بۇ بۇ ھەيئەتكە ئەزا بولۇپ سايلانغان.

*قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

مەنبە:

https://www.dw.com/zh/中国持续铲除新疆清真寺美吁各国抵制/a-48646738

   

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

فرانس 24: ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى شىنجاڭدىكى (ش ت) «ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە» دەۋەت قىلدى

شە ماي 11 , 2019
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر دېپلوماتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) ۋەزىيەتنى «ئۆزگەرتىشكە«دەۋەت قىلغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر مىليون ئەتراپىدا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار لاگېرلارغا قامالغان بۇ رايوننى زىيارەت قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

You May Like