فىرانسىيەدىكى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ قىلغان سۆزلىرى كۈچلۈك نارازىلىقلارغا ئۇچرىدى

فىرانسىيەدىكى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ قىلغان سۆزلىرى كۈچلۈك نارازىلىقلارغا ئۇچرىدى

فىرانسىيەدىكى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ قىلغان سۆزلىرى كۈچلۈك نارازىلىقلارغا ئۇچرىدى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 23-ئاپرېل

سۈرەت مەنبەسى: سوتسىيال مېدىيا

خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ شايې 21-ئاپرېل فىرانسىيە LCI تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزلىرى فىرانسىيە جەمئىيىتىدە كۈچلۈك نارازىلىقلارغا ئۇچرىدى. فىرانسىيە « ئوچۇق دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتى» (l»Institut Open Diplomacy) قۇرغۇچىسى Thomas Friang ئەپەندىم «يەكشەنبە» گېزىتىدە بايانات بېرىپ لۇ شايېنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى تۈزىتىشىنى شۇنداقلا فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاي ئەلچىسىنى چاقىرتىپ كۆرۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان.

زىيارەت جەريانىدا خىتاي ئەلچىسى رىياسەتچىنىڭ سوئاللىرىغا مۇنداق جاۋاب قايتۇرغان:

رىياسەتچى: سىزنىڭچە قىرىم ئۇكرائىناغا تەۋەمۇ؟

لۇ شايې: ناتايىن، بۇ سىزنىڭ مەسىلىگە قانداق قارىشىڭىزغا باغلىق…ئىشلار ئۇنداق ئاددىي ئەمەس.

رىياسەتچى: خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسلانغاندا قىرىم ئۇكرائىناغا تەۋە.

لۇ شايې: خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلانساق، ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەتلەر ھەقىقىي تۈردە ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەتلەر ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ كونكرېت ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان خەلقئارالىق كېلىشىملەر يوق.

رىياسەتچى: سىزنىڭ قارىشىڭىزچە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەتلەر ئەمەلىيەتتە ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە ئەمەسكەندە؟

لۇ شايې: گەپنى يورغىلاتماڭ.

رىياسەتچى: ئەگەر خىتاي تۇپرىقىنىڭ بىر پارچىسى باشقىلار تەرىپىدىن كېسىۋېلىنغان ئەھۋالدا بىرى چىقىپ گەپنى يورغىلاتماڭ دېسە…؟

خىتاي ئەلچىسى جاۋاب بېرىشتىن قېچىپ سۇ ئىچكەن قىياپەتتە تۇرۇۋالغان.

خىتاي ئەلچىسىنىڭ يۇقىرىدا قىلغان سۆزلىرى فىرانسىيە جۈملىدىن ياۋروپا جەمئىيىتىدە قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىغان. «يەكشەنبە» گېزىتىدە بايانات بەرگەن  Thomas Friang ئەپەندىم مۇنداق دەيدۇ: « خىتاي باش ئەلچىسى بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزنى ئىنكار قىلىپلا قالماي خەلقئارا قانۇنغىمۇ شەك كەلتۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەۋە بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان 14 دۆلەت بىر خىتاي دىپلوماتىيە ئەمەلدارى تەرىپىدىن خەرىتىدىن بىراقلا ئۆچۈرۈۋېتىلدى، ئۇنىڭ سۆزى بويىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى سىياسىي گۇرۇھىغا تەۋە ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنى شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان بالتىق دېڭىزىدىكى دۆلەتلەرنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەت ئەمەس دېيىشىگە يول قويىمىشىمىز كېرەكمۇ؟»

ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزاسى رافائەل گلۇكىسمەن بايانات بېرىپ: «بىز خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور ھاكىمىيەتتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى تۈگىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ دەپ ئۈمىد كۈتىمىزمۇ؟ بۇنى خىيال قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس» دېگەن. 

لىتۋانىيە ۋە لاتۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتاي ئەلچىلىكىگە خەت ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىقلىما بېرىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. 

زىيارەت جەريانىدا خىتاي ئەلچىسىنىڭ يۇقىرىدا قىلغان پەلىپەتىش سۆزلىرىدىن باشقا يەنە، جەمئىيەتتە نارازىلىق قوزغىغان سۆزلىرى تۆۋەندىكىدەك: 

رىياسەتچى: ماۋ زېدۇڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى، ئۇ كىشىلەرنى سۈرگۈندە قىلىش، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن بىرگە مىليونلىغان خىتاي پۇقرالىرىنى قىرغىن قىلغان…

لۇ شايې: ھەر قېتىم مېنى زىيارەت قىلغاندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەپقاچتى گەپلەرنى قىلىسىلەر…

رىياسەتچى: ماۋ زېدۇڭ ئىنسانلارنى سۈرگۈندە قىلدى، مىليونلىغان خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆلتۈردى، سىز غەربلىكلەرنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىسىز، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى چارلېز دېگولنى خاتا قىلغان دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ (فىرانسىيە سابىق پرېزىدېنتى ئۇ ھوقۇق تۇتقان مەزگىلدە، يەنى 1964-يىلى فىرانسىيە خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت تۈزىگەن. ت)، بۈگۈنكى كۈندە بىز خىتاي بىلەن بولغان  مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز. ئەجەبا بىز ئوخشاش خاتالىقنى ئۆتكۈزىۋاتامدۇق؟

لۇ شايې: بۇ ئەپقاچتى گەپ، ئادىل ئەمەس، توغرا ئەمەس! سىز كىتاب ئوقۇپ باققانمۇ؟

رىياسەتچى: مىليونلىغان ئىنسانلار ماۋ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، سىزنىڭچە بۇ ئەپقاچتى گەپمۇ؟

لۇ شايې: ھەر قېتىم مەندىن سوئال سورىسىڭىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەپقاچتى گەپلەر ئۈستىدە گەپ يورغىلىتىسىز…

رىياسەتچى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئائىلىسىمۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، شۇنداققۇ؟

لۇ شايې: مەن بۇ يەردە سىز بىلەن بۇ ئەپقاچتى گەپلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلەشمەيمەن.

رىياسەتچى: سانسىزلىغان خىتاي پۇقرالىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى، سىز بۇنى ئەپقاچتى گەپ دەپ تەرىپلەۋاتىسز. گۇلاگ لاگېرلىرىنىڭ، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى ئويلىساق بۇ دېگەنلىرىڭىزدىن نومۇس ھېس قىلمامسىز؟ بۇنى چۈشىنەمسىز؟

لۇ شايې: مەن بۇ يەرگە سىز بىلەن بۇنداق يالغان ياۋىداق سۆزلەرنى مۇنازىرىلەشكىلى كەلمىدىم، كىشىلىك ھوقۇقنى تىلغا ئالساق سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلار شۇنداقلا باشقا غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مەۋجۇت.

خىتاي ئەلچىسىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىمۇ فىرانسىيە جەمئىيىتىدە زور نارازىلىقلارنى قوزغاش بىلەن بىرگە، رىياسەتچى Darius Rochebin نىڭ كەسپىي ماھارىتى ۋە ئەخلاقىغا قارىتا مەدھىيەلەر ئوقۇلغان. 

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلىك «ئىستراتېگىيە تەتقىقات فوندى»نىڭ تەتقىقاتچىسى Bruno Tertrais مۇنداق دەيدۇ: رىياسەتچى باشتىن ئاخىرى تەمكىنلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇردى، ئۇنىڭ قىياپىتى خىتاي ئەلچىسىنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلدى. ئەگەر مەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتە تۇرۇپ ئويلىسام، دەرھال ئۇنىڭغا خىتايغا قايتىدىغان ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بەرگەن بولاتتىم.»

ئىقتىسادشۇناس Dominique Reynié مۇنداق دەيدۇ: « رىياسەتچىنىڭ خىزمىتىنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ، بۇ پروگرامما بارلىق تېلېۋىزىيە زىيارەت پروگراممىلىرىغا ئۈلگە بولدى، فىرانسىيە مېدىئالىرى مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

پارتىلاتقۇچ: دىموكراتىك دۆلەتلەردىكى تۇنجى ئۇيغۇر پارلامىنىت ئەزاسى دۇنياغا كەلدى؛

يە ئاپرېل 23 , 2023
پارتىلاتقۇچ: دىموكراتىك دۆلەتلەردىكى تۇنجى ئۇيغۇر پارلامىنىت ئەزاسى دۇنياغا كەلدى؛

You May Like