فىرانسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ سۆھبىتىگە قاتناشقان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر تورلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

فىرانسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ سۆھبىتىگە قاتناشقان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر تورلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021- يىلى 09- نويابىر

ئىجتىمائىي تور ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 3-نويابىر خىتاينىڭ فىرانسىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا  «فىرانسىيەدىكى ئاتالمىش شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار سىن سۆھبەت يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىنغا فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قاتنىشىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چەككەن. 

خىتاينىڭ فىرانسىيەدىكى باش ئەلچىخانا تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تور يىغىنىنى خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار دوستلۇق جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا خىتاي كونسۇلىنىڭ ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچىسى يۈ جىڭسۇڭ، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى پۇ شۆمېي شۇنداقلا فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان نەچچە ئون نەپەر «شىنجاڭ»لىق ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان. خىتاي كونسۇلى ئېلان قىلغان سۈرەتتىن قارىغاندا مەزكۇر يىغىنغا نىجات توختى، مۇنىرە مۇختەر ۋە سۈرىيە مەدەنىي مەمتىمىن قاتارلىق ئۈچ ئۇيغۇرمۇ قاتناشقان. خىتاي تەرەپنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدا بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ۋە نەدە تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇرلار بېرىلمىگەن شۇنداقلا سىن يىغىنىنىڭ تەپسىلىي جەريانىمۇ تارقىتىلمىغان. ئەمما كونسۇل تور بېتىدىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، يىغىن جەريانىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ»لىق مۇھاجىرلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن توردا سىن ئارقىلىق كۆرۈشكەن شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ فىرانسىيەدىكى خىزمەت، ئوقۇش ئىشلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىغا دوكلات قىلغان ۋە يۇرتىغا ۋە ۋەتىنىگە بولغان تەبرىكلىرىنى بايان قىلىشقان، ئۇلار يەنە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە ئۆزلىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ «ساغلاملىق بوغچىسى» قاتارلىق ماددىي بۇيۇملارنى تارقىتىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدىمۇ بايانلارنى بەرگەن.

ئاگېنتلىقىمىز يىغىنغا قاتناشقان بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بېرى فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كونسۇل يىغىنىغا قاتناشقان سۈرىيە ئىسىملىك ئايال فىرانسىيەگە كەلگىلى 15 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ يەردە مېدىتسىنا ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئىكەن. ھازىرمۇ تېببىي ساھەدە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئانچە بەك قويۇق ئەمەس ئىكەن. نىجات توختى ئىسىملىك كىشى بولسا فىرانسىيەدە ياشاۋاتقىلى 10 يىللاردىن ئاشقان بولۇپ، ئۇنىڭمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئانچە قويۇن ئەمەس، ئارىلىشىدىغان كىشىلىرىمۇ چەكلىك دائىرىدە ئىكەن. ئەمما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كىشى مۇنىرە مۇختەر توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەس ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنداق بىرىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ، ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان.

7-نويابىر فىرانسىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تور ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە يۇقىرىدىكى ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر توغرىسىدا ئۇيغۇرچە، فىرانسۇزچە تىللىرىدا بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ۋەقە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قىزغىن غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ ھەقتە «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» ھەيئەتلىكى ئەزاسى ئادىلجان ئەپەندىم ئاگېنتلىقىمىزغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « بۇ قېتىم خىتاي كونسۇلى فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش ۋەكىلى سۈپىتىدە فىرانسىيەدە ھېچبىر ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن باردى-كەلدى قىلىشمايدىغان ئۈچ كىشىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپتۇ، ئەلۋەتتە بۇ ئۈچ كىشى فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ۋەكىل بولالمايدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا خىتاي كونسۇلىنىڭ يالغان تەشۋىقات ئويۇنى ئويناۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ قويغان. ئالدىنقى قېتىم خىتاي كونسۇلى ئوخشاش سەھنە ھازىرلاپ فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە » پارىژ چوڭ مەسچىتى» مۇدىرىنى يىغىنغا تەكلىپ قىلغان، نەتىجىدە بۇ يىغىن نەتىجىسى خىتاينىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقماي پۈتۈن فىرانسىيەدە مەسچىت مۇدىرىنى تەنقىد قىلىش دولقۇنىنى قوزغىغان، ئاخىرىدا مەسچىت مۇدىرىيىتى بايانات بېرىپ ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا بۇ قېتىممۇ خىتاي كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمىدى، تەشكىلاتىمىز بەرگەن بايانات قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغاندىن سىرت فىرانسۇزچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭمۇ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خىتاي كونسۇلىنىڭ بۇ نومۇسسىزلارچە قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.»

ئىگىلىشىمىزچە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بايانات بېرىلگەن كۈنى كېچىدە، «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» ئورگان تورى (ouighour.org) نامەلۇم تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكىدا يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار سىياسىي پاناھلىق سۆھبىتى ئۈچۈن 5-6يىلدىن بىرى ساقلاپ كەلمەكتە

سە نويابىر 9 , 2021
2020-يىلى ئامېرىكا بىرمۇ ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلمىغان

You May Like