فىرانسىيەدىكى بىر ئىمارەتكە لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ چوڭ تىپتىكى رەسىمى چاپلاندى

فىرانسىيەدىكى بىر ئىمارەتكە لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ چوڭ تىپتىكى رەسىمى چاپلاندى

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 10-ئۆكتەبىر

تەييارلىغۇچى: ئارمان

«فىرانسىيە 24» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، فىرانسىيەنىڭ 2- چوڭ شەھىرى بولغان مارسېل (Marseille) شەھىرىدىكى بىر ئىمارەتنىڭ تېمىغا ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ چوڭ تىپتىكى پورترېت رەسىمى چاپلانغان. مەزكۇر رەسىم مارسېل شەھىرىدىكى Félix-Pyat يولىغا جايلاشقان Orange تېلېگراف بىناسىنىڭ تېمىغا چاپلانغان بولۇپ ئومۇمىي كۆلىمى ئىككى يۈز مېتىر كۋادرات چوڭلۇقتا ئىكەن.

 
يۇقىرىدىكى رەسىمنىڭ لايىھىلىگۈچىسى Mahn Kloix ئەپەندىم بۇ يىل 40 ياشتا بولۇپ، مارسېل شەھىرى جۈملىدىن پۈتۈن فىرانسىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن «كوچا تام رەسىم سەنئىتى» ئۇستىسى ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە بۇ كىشى ئىلگىرى بېيجىڭ شەھىرىدىمۇ 2 يىلدىن ئارتۇق ياشىغان بولۇپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇرۇندىن ئاز- تولا ئۇچۇرلارغا ئىگە ئىكەن. ئۇ يۇقىرىدىكى رەسىمنى 7- ئۆكتەبىردىن باشلاپ ياردەمچىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىنانىڭ ئۆگزىسىدىن پولات سىم بىلەن ئېسىلىپ چۈشۈپ پۈتتۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئۇ بۇ رەسىمنى پۈتتۈرۈپ چىقىشتىكى مەقسەتلىرىنى فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېگەن: « مېنىڭ ھازىرقى ئەسەرلىرىمنىڭ ئاساسلىق تېمىسى دۇنيا مىقياسىدىكى باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدە بولدى، مەن بۇرۇن مارسېل شەھىرىدىكى تاملارغا تۈركىيە تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنغان كۇرد ئۆكتىچىسى Nüdem Durakنىڭ رەسىملىرىنى، رۇسىيەدىكى ئايال ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىسى Yulia Tsetkovaنىڭ رەسىملىرىنى چاپلىدىم. پارىژدىكى تاملارغا يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ رەسىملىرىنى چاپلاپ كەلدىم. بۇ قېتىم مەن خىتاي جازا لاگېرىدا يېتىپ چىققان، ۋە لاگېرلاردىكى جىنسىي خورلاش قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەرگە شاھىت بولغان ئۇيغۇر ئايال تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ رەسىمىنى فىرانسىيەدىكى تارىخى ئۇزۇن بولغان تېلېگراف بىناسىنىڭ تېمىغا چاپلاپ چىقتىم. « ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق» نى دۆلەت قۇرۇش پىرىنسىپى قىلغان فىرانسىيە خەلقئارادا ئۆزىنى ئەركىنلىكنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ تەرىپلەپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما خىتايدەك بىر مۇستەبىت دۆلەت بىلەن سودا توختاملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ…».

Mahn Kloix ئەپەندىم رەسىم ئۈستىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ تېلېۋىزوردىنBBC ئىشلىگەن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن توغرىسىكى فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى بىئارام بولغانلىقىنى، شۇ فىلىمدىكى تەسۋىرلەنگەن خىتاي لاگېرىدىكى جىنسى خورلاش، ۋە قىيناشلارنىڭ كاللىسىغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى ۋە شۇ چاغدىن باشلاپلا كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن تۇرسۇنئاي خانىمنىڭ ئوبرازىنى سەنئەت ئەسىرى قىلىپ پۈتتۈرۈپ چىقىشنى ئويلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن، ۋە بۇ رەسىم توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن:«تۇرسۇنئاي خانىم سۈزۈك ھەم نېپىز رومال ياغلىقنىڭ ئاستىدىن قوللىرى بىلەن ئېڭىكىنى يۆلىگىنىچە يىراقلارغا تەلمۈرمەكتە، كەلگۈسىگە تولۇپ- تاشقان ئارزۇ ۋە ئۈمىدلەر بىلەن باقماقتا، ئۇنى قورشاپ تۇرغىنى كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئوڭۇشسىزلىق بولسىمۇ كىشىگە بىر خىل ئۈمىدنىڭ ئۇچقۇنىنى ئەسلىتىدۇ.»

 

 

مارسېل شەھىرىدىكى بۇ رەسىم بۈگۈن فىرانسىيەدىكى چوڭ- كىچىك خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ھەرقايسى خەۋەر قاناللىرىدا شۇنداقلا فىرانسۇز تىلىدىكى ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدا «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى» يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە كەلگەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئىككىنچى قېتىملىق ئاناتولىيە سەپىرى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

يە ئۆكتەبىر 17 , 2021
ئىككىنچى قېتىملىق ئاناتولىيە سەپىرى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

You May Like