«فىرانسىيەدە ياشاش ۋە ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدا قېرىنداشلار سۆھبىتى» نامىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

«فىرانسىيەدە ياشاش ۋە ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدا قېرىنداشلار سۆھبىتى» نامىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

«فىرانسىيەدە ياشاش ۋە ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدا قېرىنداشلار سۆھبىتى» نامىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 22-يانۋار

ئۆز خەۋىرىمىز، 21-يانۋار شەنبە كۈنى پارىژ شەھىرى 16-رايونلۇق مەمۇرىي ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ پىلانلىشى، «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى»ۋە «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» نىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا «فىرانسىيەدە ياشاش ۋە ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى قېرىنداشلار سۆھبىتى» نامىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن پارىژ شەھىرى 16- رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى Francis Szpiner ئەپەندىم، پارىژ شەھىرى كېڭەش ئەزاسى Samia Badat خانىم قاتارلىقلار سۆز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەق ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى، ۋە بارلىق شارائىتلارنى يارىتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

سۆھبەت يىغىنىغا پارىژ شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەللىككە يېقىن كىشى كېلىپ قاتناشتى.«ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» ئەزاسى، يىغىن رىياسەتچىسى ۋارىس جانباز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر سۆھبەت يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت، فىرانسىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان ھەر ساھەلەردە نەتىجە قازانغان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق فىرانسىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىكەن.

يىغىن جەريانىدا فىرانسىيەدە ھەر قايسى ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر دوكتور، كارخانىچى، سودىگەر قېرىنداشلار سۆزگە چىقىپ: فىرانسىيەدە خىزمەت تېپىش، گىراژدانلىققا ئىلتىماس قىلىش، شىركەت قۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، ئوقۇش ۋە خىزمەت تەجرىبىلىرى، سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماس قىلىشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار، پەرزەنت تەربىيەسى، مەنىي مىراسلارنى ساقلاشنىڭ ئەھمىيىتى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئىقتىساد، قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيەلەر سۆزلىدى. يىغىن ئاخىرىدا نورۋېگىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىم «ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇق سىرى ۋە ئۇنى بالىلارغا بىلدۈرۈش يولى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. سۆھبەت يىغىنى تۆت سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىپ شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 6 بىلەن ئاياغلاشتى. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 26- يىلى

يە يانۋار 22 , 2023
غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 26- يىلى

You May Like