فرانسىيە رادىئوسى: بېيجىڭنىڭ چېكىنىش نىيىتى يوق

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، شىنجاڭ (ت- شەرقىي تۈركىستان) دىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئاۋاز چىقارغان فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرونغا ئوخشاش، خەلقئارا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قارىتا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارا بايان قىلىشقا باشلىغان دۆلەت باشلىقلىرى بارغانسىرى كۆپەيدى

فرانسىيە رادىئوسى، 2020-09-27
قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-09-28

 

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، شىنجاڭ (ت- شەرقىي تۈركىستان) دىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئاۋاز چىقارغان فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرونغا ئوخشاش، خەلقئارا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قارىتا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارا بايان قىلىشقا باشلىغان دۆلەت باشلىقلىرى بارغانسىرى كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئو ۋە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رائاب قاتارلىق بېيجىڭنىڭ شىنجاڭ (ت- شەرقىي تۈركىستان) نى ئىنتايىن قاتتىق تىزگىنلىگەنلىكىنى قەتئىيلىك بىلەن تەنقىد قىلغان چەتئەل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرگە بولغان مۇراجىئەتنامىسىنى كۈچەيتتى.

 

شىنجاڭ (ت- شەرقىي تۈركىستان) نىڭ سىياسىتىگە خەلقئارا بېسىمنىڭ كۈچەيگەن بولسىمۇ، بېيجىڭنىڭ چېكىنىش نىيىتى يوقتەك قىلىدۇ. ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 25- سىنتەبىردىن 26- سىنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ (ت- شەرقىي تۈركىستان) خىزمەت يىغىنىدا خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ: «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭ (ت- شەرقىي تۈركىستان) نى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا، بۇنىڭدا ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇش كېرەك» دېدى. ئۇ يەنە: «پۈتۈن پارتىيە چوقۇم يېڭى دەۋردە شىنجاڭ (ت- شەرقىي تۈركىستان) نى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى، ئۇنى تولۇق ۋە توغرا يولغا قويۇپ، شىنجاڭ (ت- شەرقىي تۈركىستان) خىزمىتىنىڭ ھەمىشە توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

 

بېيجىڭنىڭ قاتتىق قوللىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىنىڭ كەمچىللىكىگە نىسبەتەن، بەزى تەھلىلچىلەر ئىنسانىيەت تارىخىدا مەجبۇرىي ۋاستىلەر بىلەن ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەتلەرنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ غەلىبە قىلغان بىرەر ئەمەلىي مىسالنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. شىنجاڭ (ت- شەرقىي تۈركىستان) كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ياۋرو-ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەجدادلىرى ئوخشىمىغان دىنىي ئىدېئولوگىيە بايرىقى ئاستىدا ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى قوزغىغان ھەم شۇ سەۋەپتىن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەن. نەچچە يۈز يىلدىن كېينكى زامانىۋىي جەمئىيەتتە، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنى قانۇنسىز باستۇرۇشى، ئىختىلاپنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، كەلگۈسىدە زور ئاۋارىچىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.

 

مەنبە:

 


https://www.rfi.fr/cn/%E6%94%BF%E6%B2%BB/20200927-%E5%9B%BD%E9%99%85%E7%A4%BE%E4%BC%9A%E5%85%B3%E6%B3%A8%E6%96%B0%E7%96%86%E4%BA%BA%E6%9D%83%E7%8A%B6%E5%86%B5%E5%91%BC%E5%A3%B0%E6%94%80%E5%8D%87-%E5%8C%97%E4%BA%AC%E5%9D%9A%E6%8C%81%E4%B8%8D%E9%80%80

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

جەنۇبىي موڭغۇلدا موڭغۇل تىلىنى قوغداش كۆرىشى

دۈ سېنتەبىر 28 , 2020
شېنتاڭرىن قانىلىنىڭ بىيجىڭ ۋاقتى 2020-31-ئاۋغۇست بەرگەن كۈندىلىك خەۋىرىدە: خىتاي ھۈكۈمىتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىدا موڭغۇل تىلى ئورنىغا خىتاي تىلى دەسسىتىشنى قارار قىلغان . بۇ قارار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى موڭغۇللارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى ۋەئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە نامايىش قوزغۇلىشىغا تۈرتكە بولدى . نۇرغۇن نامايىشچىلار قولغا ئېلىندى.

You May Like