فىرانسىيە ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھىسى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

فىرانسىيە ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھىسى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 20-يانۋار 

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى، شۇ جاي ۋاقتى 20-يانۋار سائەت 10دىن 12 گىچە پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان فىرانسىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھىسى» (تولۇق ئاتىلىشى: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن زوراۋانلىق يۈرگۈزگەنلىكى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى  ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھىسى) گە ئاۋاز تاشلاش ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر قارار لايىھىسى «فىرانسىيە ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلىپ، فىرانسىيە سوتسىياللار پارتىيەسى تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان بولۇپ، بۈگۈن 2 سائەتكە يېقىن ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىدىن كېيىن 169بېلەتنىڭ قوشۇلۇشى،1بېلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە 5 بېلەتنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئاساستا ماقۇللانغان. 

مەزكۇر قارارنامىنى پارلامېنتقا سۇنغۇچى سوتسىياللار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئولىۋېر فوغ  Olivier Faureئەپەندى پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنى بىر مىللەتنى مەدەنىيەت ۋە بىئولوگىيەلىك جەھەتتىن تۈپتىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان رەھىمسىز ئاپپارات دەپ تەرىپلىگەن.

بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان نۇقتا شۇكى، مەزكۇر قارارنامىگە پرېزىدېنت ئىممانۇئەل ماكغوڭ تەۋە بولغان République en mouvement پارتىيەسىمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان. مەزكۇر پارتىيەنىڭ ۋەكىلى، فىرانسىيە تاشقى سودا مىنىستىرى فخاڭك غىيستېغ Franck Riester ئەپەندى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن سۆزگە چىقىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى  «سىستېمىلىق زوراۋانلىق يۈرگۈزۈش» ۋە «كىشىنى چۆچۈتىدىغان» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلىگەن. ئەمما ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇقۇمىنى خەلقئارالىق سوت مېخانىزملىرىنىڭ بېكىتىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ توغرىسىدا ھۆكۈم بەرمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئەمما ئۇ ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ۋەدە بېرىپ، فىرانسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلامدىكى سۆھبەتلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى دېگەن. 

يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، يەنى سەھەر سائەت 8 بىلەن پارىژ شەھىرى ۋە ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى يەرلىك خەلقلەر، «ياۋروپا ئىنستىتۇتى» مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم، «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» ئەزالىرى، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» ئەزالىرى، گوللاندىيەدىن كەلگەن لاگېر شاھىتلىرىدىن ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى ۋە قەلبىنۇر سىدىق خانىم، فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان گۈلباھار خاتىۋاجى، گۈلباھار جەلىلوۋا خانىم قاتارلىقلاردىن بولۇپ يۈزگە يېقىن جامائەت پارلامېنت بىناسى ئالدىدا يىغىلىپ نامايىش قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا پارلامېنت بىناسىغا خىزمەت ئۈچۈن كىرىۋاتقان بەزەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، شۇنداقلا نامايىشچىلار ئارىسىغا كىرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلەشكەن. 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار نامىدىن مەزكۇر قارار لايىھىسىنىڭ پارلامېنتتا ماقۇللىنىشى ئۈچۈن بىر يىلدىن بېرى جاپالىق خىزمەت قىلىپ كەلگەن «ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى»دىكى بارلىق ئوت يۈرەك ياشلارغا ۋە رەئىسى دىلنۇر رەيھان خانىمغا، فىرانسىيە سوتسىياللار پارتىيەسى ۋە رەئىسى Olivier Faure ئەپەندىگە، پارلامېنتتىكى بارلىق بېلەت تاشلىغان ئەزالارغا، ئىزچىل ھالدا گۇۋاھلىق بېرىپ كېلىۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىمىزغا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ۋە ئۇنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە، «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى»، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى»دىكى بارلىق ئەزالارغا، ۋە فىرانسىيەدىكى بارلىق ۋەتەنداشلارغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئەلجەزىرە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە لاگىردا تۇققانلىرى بار ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھۈججەتلىك فىلىم ئ‍شلىمەكچى؛

پە يانۋار 20 , 2022
ئەلجەزىرە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە لاگىردا تۇققانلىرى بار ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھۈججەتلىك فىلىم ئ‍شلىمەكچى؛

You May Like