فىرانسىيە دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

فىرانسىيە دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 15-دېكابىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋىرى، 15-دېكابىر فىرانسىيە دۆلەت مەجلىسىنىڭ يىغىن زالىدا پارلامېنتتا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»نى ئېتىراپ قىلدۇرۇش توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر يىغىن فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى، سوتسىياللار پارتىيەسىدىن كەلگەن ئولىۋىيې فوۇغ Olivier Faure ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شۇنداقلا «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى»نىڭ تەشكىللىشى بىلەن پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان فىرانسىيە دۆلەتلىك مەجلىسىنىڭ 9-نومۇرلۇق يىغىن زالىدا چۈشتىن كېيىن 3تە باشلىنىپ كەچ سائەت 7گە قەدەر داۋاملاشتى.

يىغىنغا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، مۇخبىر ۋە ژۇرنالىستلار قاتناشقاندىن سىرت يەنە «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم، «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» ۋە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» ۋەكىللىرى، پارىژدىكى لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار جەلىلوۋا، گۈلباھار خاتىۋاجى خانىملار، فىرانسىيەدىكى ياشلاردىن تەشكىل تاپقان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى سامۈئەل كوگولاتىSamuel Cogolati ئەپەندىم قاتارلىقلار قاتناشتى. ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى رافائەل گلۈكىسمەن ۋە بىر قانچە ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار يىغىنغا تور ئارقىلىق ئىشتىراك قىلدى.

يىغىن تەشكىللىگۈچىسى ئولىۋىيې ئەپەندىم سۆز قىلىپ كېلەر ئاينىڭ 20-كۈنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»نى ئېتىراپ قىلىش لايىھىسىنىڭ تەرتىپ باسقۇچلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن دىلنۇر رەيھان خانىممۇ بۇ لايىھىنىڭ تۈزۈلۈپ چىقىشى ۋە بۇنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى، ھەمدە بەزىبىر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھازىر پارلامېنتتا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى بار» دېگەن قارار لايىھىسىنىڭمۇ بارلىقىنى دەپ ئۆتۈپ، ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ ئاللىبۇرۇن ھەقىقىي تۈردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق باسقۇچىغا بېرىپ يەتكەنلىكىنى، قانداقتۇ خەۋپ ئىچىدە ئەمەس بەلكى ھەقىقىي يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى، شۇنداقلا بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»نى ھەقىقىي تۈردە ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم ئۆزىنىڭ تۇتقۇندىكى سەرگۈزەشتلىرىنى سۆزلەپ ئاخىرىدا پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىشىنى شۇنداقلا فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشىنى ۋە خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. گۈلباھار جەلىلوۋا خانىمنىڭ خىتاي لاگېرلىرىدىكى ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتلىرى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ كۆزلىرىنى نەملىدى.

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاي زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى شۇنداقلا سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرگە ئورتاق خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، دۇنيا بۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغان ئامالنى تېپىشى كېرەك. فىرانسىيە دۇنيا دېموكراتىيەسىنىڭ ۋە قانۇنىنىڭ بۆشۈكى بولغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەپسۇسكى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتا 7 دۆلەتنىڭ ئارقىسىدا قالدى. مەن ئالدىنقى ھەپتە نيۇ-يوركتا فىرانسىيەنىڭ «ب د ت» دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا فىرانسىيەنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم، ئۇ ماڭا فىرانسىيە ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى، ئەمما ھازىرغىچە بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشمىدىم. بىز فىرانسىيە پارلامېنتىدىن شۇنداقلا فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىيەنى ئۆزىنىڭ دۆلەت قۇرۇش مىزانى دەپ قارىغان بارلىق دۆلەتلەردىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن شۇنداقلا بۇنداق قىلىشنى ئۇلارنىڭ بىر قانۇنى ئەخلاقى دەپ  قارايمەن.»

بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى سامۈئەل ئەپەندى بېلگىيە پارلامېنتىدىكى قارار لايىھىسىنىڭ غەلىبىلىك ماقۇللىغانلىقى توغرىسىدىكى تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشتى ۋە سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاب قىلىپ:« ئەگەر بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمدى يەنە ھېچنېمە قىلالمىساق، ئەڭ كۆپ بولغاندا يەنە ئىككى ئەۋلادتىن كېيىن ئۇيغۇر دەپ بىر مىللەتنىڭ دۇنيادىن پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىنى كۆرىمىز» دېدى.

فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى مەزكۇر قارارنامىگە بېلەت تاشلاش ۋاقتى 2022-يىلى 20-يانۋارغا بېكىتىلگەن. 

ئارمان تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۆمەر قانات: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى » ئىدرىس ھەسەن مەسىلىسىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن جىددىي ئالاقە قىلماقتا

پە دېكابىر 16 , 2021
ئۆمەر قانات: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى » ئىدرىس ھەسەن مەسىلىسىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن جىددىي ئالاقە قىلماقتا

You May Like