ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 21-نويابىر
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنى مىراسلىرىنى يوقتىش ۋە بۇلاڭ -تالاڭ قىلىش بىلەن ئەيىپلەنگەن ختاي ھۆكۈمىتى ياۋروپادا ئاتالمىش جۇڭخۇا مەدەنىيتى كۆرگەزمىسى نامىدا ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋە مەدەنىيەتلىك ئوبراز يارىتىش ئۈچۈن ئويۇن ئوينىماقتا.
ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، «ختاي . تاڭ سۇلالىسى − كۆپ خىل ئېچىۋېتىلگەن بىر سۇلالە (7 – ئەسىردىن 10 – ئەسىرگىچە)» كۆرگەزمىسى 11 – ئاينىڭ 18 – كۈنى فىرانسىيە جىمېي دۆلەتلىك ئاسىيا سەنئەت مۇزېيىدا باشلانغان، ختاينىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە فىرانسىيە پىرەزدىنتى ماكرون ئايرىم – ئايرىم ھالدا كۆرگەزمىگە بېغىشلىما يازغان.
ختاي ئاخبارات ۋاستىلىرى مەزكۇر كۆرگەزمىگە ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۆرگەزمە زالى ئېچىلغان ياكى ئېچىلمىغانلىقى ھەققىدە بايان بەرمىگەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق دىگەن: بۇ يىل ختاي بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. 5 – ئايدا مەن فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ختاي- فىرانسىيە ئىككى تەرەپ فىرانسىيە جىمېي دۆلەتلىك ئاسىيا سەنئەت مۇزېيىدا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. مەن شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈمكى، ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، «ختاي . تاڭ سۇلالىسى − كۆپ خىل ئېچىۋېتىلگەن بىر سۇلالە (7 – ئەسىردىن 10 – ئەسىرگىچە)» كۆرگەزمىسى قەرەلىدە باشلاندى. تاڭ سۇلالىسى ختاي تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن بىر سۇلالە بولۇپ، ئىقتىسادى گۈللەنگەن، مەدەنىيىتى روناق تاپقان، ئىدىيەسى سىغدۇرۇشچان، سەنئىتى گۈللەنگەن، مىللەتلەر يۇغۇرۇلغان. تاڭ سۇلالىسى مەدەنىيىتى ئاسىياغا تەسىر كۆرسەتكەن ھەم يىپەك يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا تارقالغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ شېئىر، رەسىم، ئالتۇن – كۈمۈش بۇيۇمى قاتارلىق سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھازىرغىچە كىشىلەر تەرىپىدىن تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ فىرانسىيە ۋە ياۋروپادىكى كۆرۈرمەنلەرنى شانلىق، پارلاق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن گۈللەنگەن تاڭ سۇلالىسى مەنزىرىسىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»
پىرەزدىنت ماكرون مۇنداق بىلدۈرگەن: «فىرانسىيە بىلەن ختاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ۋە مەدەنىيەت – ساياھەت يىلىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، جىمېي مۇزېيىدا داغدۇغىلىق ھالدا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ختاينىڭ مەدەنىيلىك تارىخىدىكى ئورنى ئالاھىدە، شانلىق مەدەنىيەتكە ۋە كىشىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدىغان ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىگە ئىگە ھەم يىپەك يولى ئارقىلىق تاشقى ئالماشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز سەنئەت بايلىقلىرىنى ياراتقان. تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ كۆرگەزمە فىرانسىيە – ختاي مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا داۋاملىق مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈردى.»
ختاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ بېشىدا، دۇنيا ساياھەت بازىرى لوندۇننىڭ تەشكىللىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن ساياھەت يەرمەنكىسدە، ئاتالمىش گۈزەل شنجاڭنى تەشۋىق قىلىپ، رايونغا ساياھەتچى ئىلىپ بىرىشقا ئۇرۇنغان ۋە تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى.بۇ ھەقتە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات بۆلۈم مۇدىرى ھىنرىك ماقالە ئىلان قىلغان بولۇپ، بۇ ساياھەتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىلىپ بارغان ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇنى توسۇشقا چاقىرغان ئىدى.https://uyghur.uyghurinstitute.org/2024/11/13/sayahet-kespi-insaniyetke-qarshi-jinayetlerni-normallashturwatidu/