فىرانسىيە سېغژى ئۇنىۋىرسىتىدا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

21- ئۆكتەبىر كەچتە، فرانسىيە<< سېغژى ئۇنىۋېرسىتىتى ئىنسانپەرۋەرلىك جەمىئىتى )association humanitaire de l''universite de cergy(نىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشىدا «روھىنگاھ مۇسۇلمانلىرى ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ۋە يىللاردىن بۇيان روھىنگاھلىقلار ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان collectif hamebنامىدىكى تەشكىلات تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

 

 

ئادىل

 

2020-10-22

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

 

 

21- ئۆكتەبىر كەچتە،  فرانسىيە<< سېغژى ئۇنىۋېرسىتىتى ئىنسانپەرۋەرلىك جەمىئىتى )association humanitaire de l»universite de cergy(نىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشىدا «روھىنگاھ مۇسۇلمانلىرى ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ۋە يىللاردىن بۇيان روھىنگاھلىقلار ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان collectif hamebنامىدىكى تەشكىلات تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

 

يىغىنغا مەركۇز ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرى، ئىنسانشۇناس ئاكتىۋىستلار، مۇخبىرلار بولۇپ يۈزگە يېقىن ئادەم قاتناشتى. يىغىن ئالدى بىلەن يېقىندا تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغان ئوقۇتقۇچىsamuel patyغا ئاتاپ بىرمىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى.ئارقىدىن collectif hamebجەمىئىتىنىڭ مەسئۇلى Djeboulئەپەندى روھىنگاھ مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئاندىن فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئالىمجان خالىق ئەپەندىم ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرۈپ ئادىتى توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ  ئەزەلدىن دىن، تىل، ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە خىتتاي بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان، تارىختىن بۇيان مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

 

ئاندىن مەزكۇر بىرلىكنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مىرقەدىر مىرزات ئەپەندىم سۆزگە چىقىپ 1949-يىلى خىتتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان دىيارىغا بۆسۈپ كىرگەندىن تارتىپ تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يۈرگۈزگەن ئېرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاساسلىق، پاكىتلىق چۈشەندۈرۈپ چىقىپ يىغىن ئەھلىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. بولۇپمۇ 2016-يىلدىن بۇيانقى خىتتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ يۈرگۈزگەن جازالاگىر سىياسىتى، ئورگان تجارىتى، بالىلار لاگىرى، مەجبۇرى بالا چۈشۈرۈش، خىتتاي بىلەن مەجبۇرى توي قىلدۇرۇشتەك بىرقاتار جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىنتايىن جانلىق ھەم كەسكىن تۈردە ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن ئارلىقىدا فرانسىيەدىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى چوڭ مەتبۇئاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئىشلەنگەن خەۋەر فىلىملىرى، گۇۋاھچىلارنىڭ سىنلىرى يىغىن ئەھلىگە قويۇپ بېرىلدى. يىغىن ئاخىرىدىكى سۇئال مۇھاكىمە باسقۇچىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى توغرىسىدا نۇرغۇن سوئاللار چۈشتى ۋە مۇھاكىمىلەر بولدى.

 

 

فرانسىيە ئۇيغۇر جەمىئىتىنىڭ رەئىسى ئالىمجاننىڭ دېيىشىچە يېقىندىن بۇيان خىتتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك چوڭ تىپتىكى نامائىشلار چەكلەنگەن بىلەن، ئەمما مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر،يىغىنلار ۋە مېدىئا مەدبۇئاتلاردا ئۇيغۇر مەسلىسى يەنىلا قىززىق نۇقتا بولماقتا.

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

سودا ئۇرۇشى قايتىدىن ئوت ئالامدۇ؟

پە ئۆكتەبىر 22 , 2020
فرانسىيە «دۇنيا» (Le Monde) كۈندىلىك گېزىتى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى توغرىسىدا باش ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە مۇنۇلار بايان قىلىندى: خىتاي دۆلىتى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىرىنچى دۆلەت بولسىمۇ، يەنىلا قايىل قىلارلىق ئىقتىسادىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما بۇ نىسپىي مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا كېلىدىغان خىتاينىڭ يېتەكچى ئورنى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى سودا جىددىيلىكىنى قايتىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇمكىن.

You May Like