فەيسبۇك: خىتاي خاككېرلىرى ساختا ھېسابات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نىشانلىدى

فەيسبۇك: خىتاي خاككېرلىرى ساختا ھېسابات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نىشانلىدى

 گەرچە فەيسبۇك خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ تور ھۇجۇمىغا مەسئۇل دەپ بىۋاسىتە ئەيىبلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ «ياخشى ۋە ئىزچىل ھەرىكەت قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە» دەپ كۆرسەتتى.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: ئىدىقۇت
ئۇيغۇر ئاگېنلىقى، 2021- يىلى 24- مارت

 

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى فەيسبۇك خىتاي خاككېرلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان  سىياسي پائالىيەتچىلەر، ژۇرنالىستلار ۋە چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۆكتىچىلەرنىڭ نامىدا جاسۇسلۇق قىلىش ئۈچۈن ساختا ھىساپلار بىلەن تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى جاكارلىدى.

 

فەيسبۇك تور بېتىنىڭ باياناتىدا: «بولۇپمۇ تۈركىيە، قازاقىستان، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشايدىغان خىتاينىڭ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقي تۈركستانلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پائالىيەتچىلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە ئۆكتىچىلەر نىشان قىلىندى.» دېيلىگەن.

 

باياناتتا، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ جاسۇسلۇق قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللار بىلەن، نىشانلىغان كىشىلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى يۇقۇملاندۇرماقچى بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. خاككېرلارنىڭ بۇنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم داڭلىق خەۋەر تور بېكەتلىرنىڭ ئۇلىنىشىنى ياساش، يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللارنى ئۆزلىرى ياسىغان ساختا خەۋەر تور بەت ئۇلىنشلىرى ئارقىلىق ھەمبەھىرلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قىلغانلىقى كۆرسىتىلدى.

 

خىتاي خاككېرلىرىنىڭ فەيسبۇكتا نىشانغا ئالغان كىشلەرنى ئاۋۋال ئۆزىگە ئىشەندۈرۈپ، كېيىن نىشانلانغان كىشىگە يامان غەرەزلىك ئۇلانمىنى چىكىشى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى مۇخبىر، ئوقۇغۇچى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ۋە ياكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزاسى دېگەندەك ھەر خىل ناملاردا ساختا ھېسابات قۇرغانلىقنى تەكىتلەنگەن.

 

گەرچە فەيسبۇك خىتاي ھۆكۈمىتىنى تور ھۇجۇمىغا مەسئۇل دەپ بىۋاسىتە ئەيىبلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ «ياخشى بولغان ۋە ئىزچىل ھەرىكەت قىلىش ئالاھىدىلىكى بار» دەپ كۆرسەتكەن.

 

مەنبە:
https://www.indyturk.com/node/335161/dünya/facebook-çinli-bilgisayar-korsanları-sahte-hesaplar-üzerinden-uygurları-hedef?fbclid=IwAR1cedjbY5K___iQjR1XAW2eru2TCMS8dKpNKZC_X1VAxcWb3OkRwMdbbfk

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتپاقى، كانادا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق 30 دۆلەت بىرلا ۋاقتتا ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك تۆت خىتاي ئەمەلدارىغا جازا ئېلان قىلدى.

پە مارت 25 , 2021
ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتپاقى، كانادا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق 30 دۆلەت بىرلا ۋاقتتا ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك تۆت خىتاي ئەمەلدارىغا جازا ئېلان قىلدى.

You May Like