ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ ياپونىيە «دۇنيا گېزىتى«بىلەن سۆھبىتى:3مىليون ئۇيغۇر لاگىردا،مەسلە:مۇستەملىكە

شەرقىي تۇركىستان سۇرگۇن ھوكۇمىتى پرەزىدنتى، ئۇيغۇر ئەدەبىيىتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان داڭلىق شا»ئىر ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان دۇنياۋى ئەدىپ ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمنىڭ ياپونىيە»دۇنيا گەزىتى»گە بەسىلغان چوڭ ھەجىملىك زىيارەت ماقالىسى

«ي

ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ ياپونىيە «دۇنيا گېزىتى«بىلەن سۆھبىتى:3مىليون ئۇيغۇر لاگىردا،مەسلە:مۇستەملىكە

ئەسەر تەمىنلىگۇچى :مۇقەددەس خانىم 

ئەسكەرتىش:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ بىتەرەپ ۋە مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى مەنپەئىتى ئۇچۇن سۆزلەيدۇ،ھىچقانداق دۆلەت،سياسى پارتىيە،شەخسكە بېقىنمايدۇ،ياردەم قوبۇل قىلمايدۇ،تالاشمايدۇ،ئۇيغۇر ھەرىكتى سەھىپىمىز بارلىق ۋەتەنداش پائالىيەتچىلىرى ئۇچۇن بىتەرەپ يوسۇندا خەۋەر قىلىدۇ،خەۋەر ،رەسم تەمىنلىشىڭىزنى قارشى ئالىدۇ.

شەرقىي تۇركىستان سۇرگۇن ھوكۇمىتى پرەزىدنتى، ئۇيغۇر ئەدەبىيىتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان داڭلىق شا»ئىر ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان دۇنياۋى ئەدىپ ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمنىڭ ياپونىيە»دۇنيا گەزىتى»گە بەسىلغان چوڭ ھەجىملىك زىيارەت ماقالىسى

«يىغىۋىلىش لاگىرلىرىدا 3 مىللى»ئون ئۇيغۇر سىياسىي ئۇگۇنۇش قىلدۇرىلىۋاتىدۇ—  خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىش سۇيقەستى —خىتاي تاجاۋۇزچىلىقى ۋە كىڭەيمىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك « 

شەرقىي تۇركىستان مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى مەنبە قىلغان ھالدا ،ھازىرقى يىغىۋىلىش لاگىرلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيىتىنى تىلىنى يوقىتىپ مېڭىسىنى يۇيىشىمۇ پەقەت بىز ئۇيغۇرلارنى تەل توكۇس يوقىتىپ زىمىنىمىزنى پۇتۇنلەي ئىگەللىۋەلىش ئۇچۇن قىلىنغان بىر سۇيقەست ئىكەنلىكى، لاگەرلارنى تاقىتىش ۋە ھازىرقى زۇلۇمنى يوقاتسىلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەل بولدى دەپ يۇزەكى قاراشنىڭ ياكى دىققەتنى لاگەرلار مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۇرۇپ شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسىنى تاجاۋۇز قىلىنغان بەسىۋەلىنغان زىمىن مەسىلىسىدىن ئۇستىلىق بىلەن  كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بۇرمىلاشنىڭمۇ خىتاينىڭ بىر توزىقى ئىكەنلىكى بۇ زۇلۇملارنىڭ شەرقىي تۇركىستان مۇستەقىللىقنى قايتىدىن قولغا ئالغاندا نەگىزىدىن  تۇگەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ماھىيەتلىك ۋە نازۇك مەسىلىلەر ئەنىق يوروتۇپ بەرىلگەن.شۇنداقلا خەلقارا جەمىيەت ۋە ئەللىرىنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قوللاش ئارقىلىق خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە كەڭايمىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقى توغرىسىدا دادىللىق بىلەن چاقىرىق قىلىنغان.

زىيارەت مەزمۇنى:

يىغىۋىلىش جازا لاگېرلىرىغا ئۇچ مىللىئون ئادەم سىياسىي ئۇگىنىشتە

ئۇيغۇرلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىشنى سۇيقەست قىلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى

شەرقى تۈركىستان سۇرگۇن ھوكۇمىتى پرېزىدېنتى ئەھمەتجان ئوسمان ئەپەندىمدىن ئاڭلايلى 

سو»ئال: بۇ يىل يەتتىنچى ئايدا ئامېرىكا مۇ»ئاۋىن باش مىنىستىرى پەنسى ئۆزىنىڭ نۇتقىدا خىتايلارنىڭ شەرقىي تۇركىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن نەچچە يۇز تۇمەن كىشىنى يىغىۋېلىش جازا لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئوتتى.يەنە بۇ يىل 8-ئايدىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقشۇناسلىقنى يوقىتىش يىغىنىدىمۇ بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىندى.يىغىۋېلىش جازا لاگەرلىرى توغرىلىق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

جاۋاپ:يىغىۋىلىش لاگىرلىرى خىتاي تىلىدا قايتا تەربىيەلەش مەركىزى دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ.بۇ ئىسىم ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىتلارنىڭ يەھۇدىلارنى يىغىۋالغان ھولوكوستقا ئوخشايدۇ.بىراق ئۇنىڭ ئىچى بەكمۇ ۋەھشى.

ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىنى ئاساس قىلغاندا يىغىۋىلىنغانلارنىڭ سانى ئۇچ مىليونغا يەتكەن.ئاساسلىقى  ئۇيغۇرلار شۇنداقلا بىر قىسىم قازاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇلار ئەتىگەندىن كەچكىچە سىياسىي ئۇگۇنۇش قىلدۇرۇلۇپ ،ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇشى بىلەنلا خىتاينىڭ دولەت ناخشىسىنى ئوقۇيدۇ،شجىنپىڭنى مەدھىيەلەيدۇ ۋە كومپارتىيەگە سادىقلىق قىلىش توغرىسىدا مەجبۇرىي قەسەم قىلدۇرىلىدۇ.كىچىككىنە بىر ياتاققا 20 دىن ئارتۇق ئادەم قامىلىپ يېتىپ قوپۇش بىللە ،تاماق ناچار،تازىلىق ناچار بولغاچقا جىق ئادەملەر كېسەلگە گىرىپتار بولىۋاتىدۇ.ئۆلۇپ كتىۋاتقانلارمۇ كۆپ.

جازا لاگىرلىرىنىڭ يېنغىلا چوڭ كۆلەمدىكى جەسەت كۆيدۇرۇش ئورۇنلىرى سلىنىۋاتىدۇ.ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان خەلق،مىيىتلار تۇپراققا دەپنە قىلىنىدۇ،كۆيدۇرۇلمەيدۇ.جازا لاگىرلىرىدا ئۆلۇپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ جەسىتى ئا»ئىلە تاۋاباتىغا قايتۇرۇلمايۋاتىدۇ.بۇلار ئىچكى ئورگان تىجارىتى ئۇچۇن جەسەتنى كويدۇرۇش ئورۇنلىرىنى قۇرغان دەپ قارىلىۋاتىدۇ،

چۇنكى،خىتاينىڭ ئىچكى ئورگان تىجارەت بازىرىنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ،فالۇن گۇمپىچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تىجارەتكە ئىشلىتىش ھازىرغىچە داۋام قىلدى،بىراق خەلقئارا جەمىيەتنىڭ فالۇن گۇمپىچىلىرىغا بولغان دىققىتى ئېشىۋاتىدۇ.شۇڭا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى بىلەن بۇ تىجارەتنى تەمىنلىمەكتە دەپ قارىلىۋاتىدۇ.

بۇ يىل بىرىنچى ئايدا شەرقى تۈركىستاننىڭ قەشقەر ئايرۇدۇرۇمدا تارتىلغان بىر سۇرئەتتە بۇ ئايرۇدۇمدا ئىچكى ئەزالارنى يۆتكەش ئۇچۇن مەخسۇس ئۆتۇش يولى بارلىقى ئاشكارا بولدى.ئايرۇدۇرۇمدا ئىچكى ئەزالارنى توشۇش مەخسۇس ئۆتۇش يولى بار، ئايرۇدۇرۇم يالغۇز قەشقەرلا ئەمەس.ئاتا-ئانىلىرى يىغىۋىلىش لاگىرلىرىغا ئىلىپ كېتىلگەن كىچىك بالىلارمۇ ئىچكى ئورگانلارنىڭ ستىش تىجارتىنىڭ قۇربانى بولىۋاتقانلىغى مۇمكىن.

سو»ئال:ئۇيغۇرلارغا بولىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ كۇنسايىن ئېشىشى بىلەن خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول سىياسىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە سوزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

جاۋاپ:خىتاي دۇنياغا يېڭى يىپەك يولى دەپ جار سلىۋاتقان ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش دەپ كۆرسىتىۋاتقان بىر بەلۋاغ بىر يول سىياسىتى ئەمىلىيەتتە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك

سىياسىتى يەنى 2050-يىلغىچە دۇنياغا خوجا بولىمىز دەيدىغان سىياسەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

شەرقى تۈركىستان زىمىنى نېفىت ۋە تەبىئى گازغا تولغان باي زىمىن،شۇنداقلا خىتاينىڭ چېگرا ۋە ھەربىي بازىلىرى بار مۇھىم جۇغراپىيەلىك ئورۇن،شۇڭلاشقا خىتاي بۇ يەرگە چىڭ ئېسىلىۋالىغلىق.ئەمدى يېڭى يىپەك يولىنىڭ بارلىق قان تومۇرى شەرقى تۈركىستاندىن ئۆتۇپ ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيا،ياۋروپا،شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرققە بارىدۇ.ئەگەر شەرقىي تۇركىستاندا ئىش چىقسا خىتاينىڭ دۇنياغا بولغان كېڭەيمىچىلىك چۇشى بەربات بولىدۇ.شۇنىڭ ئۇچۇن خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرىپ تۇگىتىپ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش سۇيقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا يۇرگۇزىۋاتقىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت!

سو»ئال:ئىسلام دىنىنىڭ چەكلىنىشى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىتىلىشى قاتارلىق خىتاينىڭ يۇرگۇزىۋاتقان سىياسەتلىرىگە قانداق قارايسىز؟سىز ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەدىپ ۋە شا»ئىر ئىكەنسىز،ئۆزىڭىز بىلەنمۇ بىرلەشتۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

جاۋاپ:خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى چەكلىشىدە مۇنداق بىر مۇھىم سەۋەپ بار.ئىسلامىيەتتە ۋەتىنىڭ مۇنقەرز بولغاندا قولۇڭغا قورال ئال، جىھاد قىل دەيدىغان پەرز بار.خىتاي خەلقىمنىڭ قورال ئەلىپ ئۆزىگە قارشىلىق قىلىش مانا مۇشۇنداق روھىنى يوقاتماقچى.

ھازىر 70پىرسەنتتىن ئارتۇق مەسچىد چېقىلىپ بولدى.مەسچىتكە كىرىدىغانلارمۇ ئايرىلىپ

چەكلىنىۋاتىدۇ.بۇلا ئەمەس،مەلۇم بىر قىز ئوقۇغۇچى م پ ،3 تە دىنغا ئا»ئىت مەزمۇن كۆردى دىگەن بىلەنلا 10 يىللىق كېسىلىپ كەتكەن.بۇنداق مىساللار بەك

كۆپ.

ئەمدى تىلىمىزغا كەلسەك،خىتاي بىزنىڭ تىلىمىز بىلەن دىنىمىزنى يوقاتسىلا ،بىزنى باشقۇرۇش ئاسان بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ.مەن شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى پرەزىدەنتى ۋە شا»ئىرلىق

سالاھىيىتىم بىلەن ياشايمەن.بىز شا»ئىرلار ئانا تىلنىڭ ئىچىدە ياشايمىز.تىل بىز ئۇچۇن سۇغا ئوخشايدۇ،شا»ئىرلار بۇ سۇنىڭ ئىچىدىكى بېلىق،سۇ بولمىسا بېلىق ياشىيالمايدۇ.

مەن پرەزىدەنت ۋەشا»ئىر بولۇش سۇپىتىم بىلەن ئانا تىلىمىزنى ۋە مەدىنىيىتىمىزنى قوغداشنى ئوزەمنىڭ بۇرچى دەپ بىلىمەن.مەنلا ئەمەس،بۇ ماڭا ئوخشاش ھەر بىر ئۇيغۇر شا»ئىرنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى.

سو»ئال:تىبەت موڭغۇللار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە ياپونىيەگە نىمە تەلىۋىڭىز بارلىغىنى ئاڭلاتقان بولسىڭىز؟ 

بىز تىبەت ۋە موڭغۇللار بىلەن بىرلىشىپ خىتاي كېڭەيمىچىلىكىنى توسىشىمىز كىرەك.شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئاسىيانىڭ مۇستەقىللىقى ۋە تېچلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ياپونىيە،ھىندىستان،تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىق قولىنى سۇنىۋاتىدۇ،بىز بۇ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق قولىنى توسىمىز.

مەن ياپونىيەنىڭ ئاسىيادىكى لىدىرلىق رولىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى روبىرو ھەم جىددى ھالدا ئويلىنىپ ياردەم قىلىشىنى سورايمەن.

ياپونىيە ئاسىيادىكى ھەم دۇنيادىكى قۇدرەتلىك ۋە مۇھىم ئىقتىسادىي تېخنىكا دۆلىتى بولۇش سۇپىتى بىلەن بەسىۋىلىنغان شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار بىر دولەت! چۇنكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتا قولغا ئىلىشى،خىتاينىڭ دۇنياغا بولغان تاجاۋۇزچىلىق قولىنى توساپ ياپونىيە جۇملىدىن ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ

تىچلىقى ۋە مۇستەقىللىقى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق.

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

شەرقى تۈركىستان ھەققىدە تەسىرلىك بىر ماقالە (1) ئەخمەت دوئان ئىلىبەي (تۈركىيە)

شە سېنتەبىر 22 , 2018
شەرقى تۈركىستان ھەققىدە تەسىرلىك بىر ماقالە (1) 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى چارشەنبە سائەت 7:51 ئەخمەت دوئان ئىلبەي ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:رازىيە ئەزىزلەر!ياشلىقىمىزدىن باشلاپلا شەرقى تۈركىستانغا ئائىت كىتاپ – ژورناللارنى ئوقۇيتۇق. ئاللاھقا ئىشەنگەن تۈرۈك مىللىتىنىڭ داۋاسىغا ئىگە چىققان، ئەمما شەرقى تۈركىستان تۈركلىرى ھەققىدە ھىچقانداق مەلۇماتقا ئىگە بولماسلىق، بۇ ھەقتە ئوقۇماسلىق غەلىتە تۇيۇلاتتى. ئۇ چاغلاردا، شەرقى […]

You May Like